Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 1:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 بىر كۈنى ئادونىيا ھەممە قېرىنداشلىرى، يەنى پادىشاھنىڭ باشقا ئوغۇللىرى ۋە يەھۇدىيەنىڭ پۈتۈن ئوردا ئەمەلدارلىرىنى روگېل بۇلىقى يېنىدىكى «يىلان قورام تېشى»نىڭ يېنىغا چاقىرىپ، قوي، كالا ۋە بوردالغان تورپاقلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 1:9
9 Referans Kwoze  

بۇ چاغدا ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئۆزلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يېرۇسالېمنىڭ چېتىدىكى روگېل بۇلىقىنىڭ بويىدا كۈتۈپ تۇراتتى. بىر خىزمەتچى قىز ئۇلارغا خەۋەر ئەكېلىپ تۇراتتى. ئۇلار ئاڭلىغانلىرىنى داۋۇت پادىشاھقا يەتكۈزۈپ تۇراتتى.


پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ قۇربانلىقى، ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر ئادىللارنىڭ دۇئاسى.


كېيىن بالايىئاپەت جىلغىسىدىن ئۆتۈپ دىبىر شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، گىلگال شەھىرىگىچە بارىدۇ. گىلگال شەھىرى بولسا جىلغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئادۇممىم تاغ داۋىنىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يولنىڭ قارشى تەرىپىدە بولۇپ، بۇ پاسىل ئېنشەمەش بۇلىقىغىچە سوزۇلۇپ، روگېل بۇلىقى دېگەن جايدا ئاخىرلىشىدۇ.


بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: «مېھمانلارغا: ˜قاراڭلار، زىياپەت تەييار بولدى. ئۆكۈز ۋە سېمىز ماللار سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار، زىياپەتكە مەرھەمەت!Œ دەڭلار» دەپ تاپىلاپتۇ.


كېيىن يەنە رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ۋە بەنھىننوم جىلغىسى يېنىدىكى ئېدىرلىقتىن تۆۋەنگە قاراپ، ھىننوم جىلغىسىنى بويلاپ، يىبۇسلار شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىقتىن ئۆتۈپ، روگېل بۇلىقىغا بارىدۇ.


ئۇ نۇرغۇن كالا، بوردالغان تورپاق ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەمدە روھانىي ئەبىياتار، باش سەركەردە يوئابلارنى چاقىرىپ، ئوغۇللىرى سۇلايماننى چاقىرماپتۇ.


بۈگۈن ئادونىيا نۇرغۇن كالا، بوردالغان تورپاق ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى، سەركەردىلەرنى ۋە روھانىي ئەبىياتارنى چاقىرىپتۇ. ئۇلار: «ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!» دەپ توۋلىشىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا يەپ-ئىچىشىۋېتىپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite