49 ئادونىيانىڭ مېھمانلىرى بۇ خەۋەردىن قورقۇشۇپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى-دە، ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشتى.
قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار، شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار.
مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانالار بولغاي! ئۇ بۈگۈن ئەۋلادىمدىن بىرسىنى تەختىمگە ۋارىس قىلىپ، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشۈمگە نېسىپ قىلدى».
ئادونىيامۇ سۇلايماندىن قورقۇپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان بۇرجىكىنى تۇتۇۋالدى.
ئەي ئوغلۇم! پەرۋەردىگاردىن قورقماس بولما، پادىشاھنى ھۆرمەتلىمەي قالما، ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلارغا شېرىك بولما.
چۈنكى ئۇشتۇمتۇت بالايىئاپەت ئۇلارغا كېلەر، پەرۋەردىگار ۋە پادىشاھ كەلتۈرىدىغان ھالاكەتنى كىممۇ بىلەر؟