پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 1:42 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى42 شۇ پەيتتە روھانىي ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان كەلدى. ئادونىيا: _ كەل، سەن بىر ياخشى ئادەمسەن، بىزگە چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ، _ دېدى. Gade chapit la |
بۇ چاغدا ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئۆزلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يېرۇسالېمنىڭ چېتىدىكى روگېل بۇلىقىنىڭ بويىدا كۈتۈپ تۇراتتى. بىر خىزمەتچى قىز ئۇلارغا خەۋەر ئەكېلىپ تۇراتتى. ئۇلار ئاڭلىغانلىرىنى داۋۇت پادىشاھقا يەتكۈزۈپ تۇراتتى.