41 ئادونىيا مېھمانلىرى بىلەن زىياپەتنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغا بۇ شاۋقۇن-سۈرەننى ئاڭلىدى. يوئاب بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ: _ شەھەردىن كېلىۋاتقان بۇ نېمە ئاۋاز؟ _ دېدى.
توپىلاڭچىلار پاۋلۇسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، پۈتۈن يېرۇسالېمنىڭ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق رىم لەشكەرلىرىنىڭ قوماندانىغا يېتىپ باردى.
لېكىن، ئالىي روھانىيلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى ۋە ئىبادەتخانىدا: «پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر!» دەپ توۋلىغان بالىلارنى كۆرۈپ غەزەپلەندى.
بەزىدە كۈلۈپ تۇرسىمۇ، ئازاب يۈرەكنى ئاغرىتار، خۇشاللىق بەزىدە غەم-قايغۇ بىلەن ئاخىرلىشار.
گۇناھكارنىڭ خۇشاللىقىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى، ئىمانسىزنىڭ خۇشاللىقىنىڭ بىردەملىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭ؟
يوشۇۋا خەلقنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى ئاڭلاپ، مۇساغا: _ قارارگاھتىن ئۇرۇشنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ! _ دېدى.
ئۇلار نەيلەرنى چېلىشقان ھالدا سۇلايمانغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلىشلىرىدىن يەر-جاھان لەرزىگە كەلدى.
شۇ پەيتتە روھانىي ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان كەلدى. ئادونىيا: _ كەل، سەن بىر ياخشى ئادەمسەن، بىزگە چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ، _ دېدى.