Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 1:40 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

40 ئۇلار نەيلەرنى چېلىشقان ھالدا سۇلايمانغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلىشلىرىدىن يەر-جاھان لەرزىگە كەلدى.

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 1:40
13 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدىن چۈشۈپ يېرۇسالېمغا يېقىن قالغاندا، ئۇنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەممە ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئۈچۈن خۇرسەنلىك بىلەن ۋارقىراپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى:


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.


سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىڭلار.


ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، خۇشاللانسۇن بۇنىڭدىن ھەممە خەلقلەر، شادلانسۇن ھەتتا ئەڭ يىراقتىكى ئەللەر.


پۈتۈن خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ، شەھەر خاتىرجەم بولدى. چۈنكى ئاتاليا ئوردىنىڭ ئالدىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.


ئۇ يوئاشنىڭ خۇددى پادىشاھلاردەك پادىشاھ تۇرىدىغان جايدا، يەنى تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا يۈزبېشىلار ۋە كانايچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغانلىقىنى، خەلقنىڭ خۇشاللىققا چۆمۈپ، كاناي چېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتتى ۋە «ئاسىيلىق، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ كەتتى.


خەلق گىلگالغا بېرىپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا سائۇلنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكىنى يېڭىباشتىن ئېتىراپ قىلىشتى ھەم پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇشتى. سائۇل ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شاد-خۇراملىققا چۆمدى.


روھانىي زادوق مۇقەددەس چېدىردىن ئېلىپ كەلگەن مۈڭگۈزدىكى ياغنى سۇلايماننىڭ بېشىغا قۇيدى. ئۇلار بۇرغا چېلىشىغا بارلىق كىشىلەر «ياشىسۇن پادىشاھ سۇلايمان!» دەپ توۋلاشتى.


ئادونىيا مېھمانلىرى بىلەن زىياپەتنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغا بۇ شاۋقۇن-سۈرەننى ئاڭلىدى. يوئاب بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ: _ شەھەردىن كېلىۋاتقان بۇ نېمە ئاۋاز؟ _ دېدى.


روھانىي زادوق بىلەن ناتان پەيغەمبەر سۇلايماننى گىھون بۇلىقىنىڭ يېنىدا پادىشاھلىققا تەيىنلىدى. ئۇلار شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلىشىپ ماڭغاچقا، شەھەر ئىچى شاۋقۇن-سۈرەنگە تولدى. بۇ دەل سىلى ئاڭلىغان شاۋقۇن-سۈرەندۇر.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارگاھقا يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن ئىسرائىللار يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن چۇقان كۆتۈرۈشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite