Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 1:36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

36 يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا پادىشاھنىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: _ ئامىن، پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئەمرىنى پەرۋەردىگار خۇدا ئەمەلگە ئاشۇرغاي!

Gade chapit la Kopi




پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 1:36
16 Referans Kwoze  

ئەگەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە نامەلۇم بولغان بۇنداق تىلدىلا خۇداغا شۈكۈر ئېيتساڭ، جامائەتچىلىك سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمەي، ئېيتقان شۈكۈر دۇئالىرىڭغا قانداقمۇ: «ئامىن» دېيەلىسۇن؟


ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.


بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن. بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. »


مۇنداق دېدى: _ شۇنداق بولسۇن! پەرۋەردىگار شۇنداق قىلغاي! پەرۋەردىگار بېشارەتلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي. پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىسىدىن بابىلغا ئېلىپ كېتىلگەن بارلىق قىممەتلىك بۇيۇملارنى ۋە ئۇ يەرگە سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى بۇ جايغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەي.


مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى ئاتا قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. سىلەر بۈگۈن ياشاۋاتقان بۇ زېمىن دەل شۇ زېمىندۇر». مەن: _ بەرھەق، ئى پەرۋەردىگار، دېگىنىڭدەك بولسۇن! _ دەپ جاۋاب بەردىم.


ئۇ ماڭا نىدا قىلىپ دېدىكى: ‹سەن مېنىڭ ئاتام، خۇدايىمدۇرسەن، نىجاتكارىم، قورام تېشىمدۇرسەن.›


دېمەك، قۇلۇم داۋۇتنى تاپتىم، مۇقەددەس مېيىمنى سۈركەپ بېشىغا، ئۇنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم.


مەڭگۈگە تەرىپلەنگەي ئۇنىڭ نام-شەرىپى، پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلىغاي شان-شەرىپى. ئامىن، ئامىن!


پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا، ئىزدەيمەن سېنى ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا. سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى، تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا.


قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر، ماڭا پاناھ بولىدىغان گىگانت تېغىم، باشپاناھىم، قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر.


مېنىڭ خانىدانلىقىمنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مەڭگۈ داۋاملىشىشى ئۈچۈن سەن رازىمەنلىك بىلەن بەخت ئاتا قىلدىڭ. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئاتا قىلغان بەختىڭ بىلەن قۇلۇڭنىڭ خانىدانلىقى مەڭگۈ بەختكە سازاۋەر بولىدۇ.


بىرەرسى سىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەينىڭىزگە چۈشسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭىز خۇدا سىزنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلايدۇ. دۈشمەنلىرىڭىزنى خۇددى سالغىغا سېلىپ ئاتقان تاشتەك پىرقىرىتىپ ئېتىۋېتىدۇ.


يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى روھانىي ئىدى.


ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قايتىپ كېلىڭلار. ئۇ تەختىمدە ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ئورنۇمدا پادىشاھ بولسۇن. مەن ئۇنى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلىدىم، _ دېدى.


پەرۋەردىگار بۇرۇن پادىشاھ ئالىيلىرىغا يار بولغاندەك، سۇلايمانغىمۇ يار بولغاي ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ قۇدرەتلىك قىلغاي، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite