1 پادىشاھ داۋۇت قېرىپ قالغاچقا، ئۇنىڭغا بىرقانچە يوتقان يېپىپ قويسىمۇ ئىسسىمايتتى.
ئۆمرىمىز يەتمىش يىلچە بولار، سەكسەنگە ئۇلىشار ماغدۇرى بارلار. ئەمما ئەڭ ياخشى چاغلىرىمىزمۇ جاپا ۋە قايغۇدا ئۆتەر، كۈنلىرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگەر، ھاياتىمىز ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتەر.
داۋۇت قېرىپ، ساناقلىقلا كۈنلىرى قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
داۋۇت پادىشاھ بولغان ۋاقتىدا ئوتتۇز ياشتا ئىدى، ئۇ قىرىق يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
ئىبراھىم قېرىپ كەتكەنىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشىنى ئاسان قىلىپ، ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلغانىدى.
بۇ چاغدا ئىبراھىم بىلەن سارە قېرىپ قالغانىدى. سارەنىڭ ئادەت كۆرۈشىمۇ توختاپ كەتكەنىدى.
ئەمما، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. چۈنكى، ئېلىزابېت تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىسى ياشىنىپ قالغانىدى.
داۋۇت خاماندا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالارنى قوبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ۋابا ئىسرائىللار ئارىسىدىن يوقالدى.
شۇڭا ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، بىز سىلىگە ئىپپەتلىك قىزدىن بىرنى تېپىپ ئەكېلەيلى. ئۇ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ھالىلىرىدىن خەۋەر ئالسۇن. سىلىنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ھەمراھ بولسۇن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن باتشەبا پادىشاھنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى. (بۇ چاغدا پادىشاھ بەك قېرىپ كەتكەن بولۇپ، شۇنېملىق قىز ئابىشاگ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.)
ئىككى ئادەم بىرگە ئۇخلىسا، ئىسسىق ياتىدۇ، يالغۇز ئۇخلىسا، ئۇ قانداقمۇ ئىسسىق ياتسۇن؟
يوشۇۋا ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سەن ياشىنىپ، قېرىپ قالدىڭ. لېكىن سەن تېخى بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان يەنە كۆپ زېمىنلار بار.