Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 5:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 بۇلار: مۇقەددەس روھ، چۆمۈلدۈرۈش سۈيى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ تۆككەن قېنىدىن ئىبارەت. بۇ ئۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىردەكتۇر.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 5:8
14 Referans Kwoze  

مەن سىلەرگە ئاتامنىڭ يېنىدىن ياردەمچى، يەنى ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ئاتامنىڭ يېنىدىن كېلىپ، ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


بۇ، بىزنىڭ ھازىرقى قۇتقۇزۇلغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىغان سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولىدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىز بەدىنىمىزنىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق پاك ۋىجدان بىلەن خۇداغا بېغىشلىشىمىزدۇر.


بۇ مۇقەددەس روھ قەلب روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


بىرمۇنچە يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئىسپاتلىرى بىر-بىرىگە ماسلاشمايتتى.


قەلبىمىزگە مۇقەددەس روھنى سېلىش بىلەن بىزگە ئىگىدارچىلىق مۆھرىنى بېسىپ، ئۇنى ئۆز ۋەدىسىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى قىلدى.


پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ بۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ ئاموس پەيغەمبەرگە ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى يېزىلغان:


شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ،


شۇڭا، ئەيسا مەسىھمۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاك قىلىپ، خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى.


بەزى ئادەملەرنى توۋا قىلدۇرۇپ، قايتىدىن خۇدا يولىغا باشلاش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار بىر چاغلاردا خۇدانىڭ نۇرى بىلەن يورۇتۇلغان، خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن بەھرىمەن بولغان، مۇقەددەس روھقا ئورتاق بولغان،


بىراق، لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىسىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى.


بىز ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئىشەنچلىك، دەپ قارىغان يەردە، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى تېخىمۇ ئىشەنچلىكتۇر. خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا شۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite