14 خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرىكىمىز شۇنداق توقكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن نېمىنى تىلىسەك، ئۇ دۇئا-تىلاۋىتىمىزنى چوقۇم ئاڭلايدۇ.
مېنىڭ نامىم بىلەن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۆز ئاتامنىڭ ئۇلۇغلۇقى مەن ئارقىلىق ئايان بولسۇن ئۈچۈن، تىلەكلىرىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن.
ماڭا ئىلتىجا قىلغىن، مەن جاۋاب بېرىمەن. ساڭا سەن تېخىچە بىلمەيدىغان ئاجايىپ سىرلىق ئىشلارنى دەپ بېرىمەن.
سىلەر مەندە بولساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ساقلانسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، شۇنىڭغا ئېرىشىسىلەر.
ئىشەنچىڭلار بولسا، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشىسىلەر.
قۇلاق سالار پەرۋەردىگار نالە قىلسا ھەققانىيلار، ئۇلارنى بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتۇلدۇرار.
تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى نىيىتىڭلار يامان بولۇپ، ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا تىلەيسىلەر.
بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىمايدۇ، بەلكى ئۆزىگە ئىبادەت قىلغان ۋە ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ.
بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىقىمىزدىن يۈرىكىمىز توق ھالدا ئىشەنچ بىلەن خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز.
ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن.
دېمەك، ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ قايتىپ كەلگەندە يۈرىكىمىز توق تۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئالدىدا خىجالەتچىلىكتە قالمايمىز.
پەرۋەردىگار ياماندىن يىراق تۇرار. ھەققانىينىڭ دۇئاسىغا ئۇ قۇلاق سالار.
شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.
چۈنكى خۇدا قۇلاق سالار موھتاجلارنىڭ دەردلىرىگە، ئېتىبارسىز قارىماس ئازاب تارتقان بەندىلىرىگە.
دەككە-دۈككىدە دېگەنىدىم: «نەزىرىڭدىن مەھرۇم بولدۇم.» لېكىن ساڭا نالە قىلىپ يىغلىغىنىمدا، قۇلاق سالدىڭ پەريادىمغا.
شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار. بۇ جاسارەتنىڭ ئىنئامى ئىنتايىن زوردۇر.
دەسلەپتىكى ئىشەنچىمىزنى بوشاشتۇرماي ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرساقلا، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ھەممىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز.
تەلەپلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن.
ئاشۇ رەزىللەرنىڭ دەستىدىن نامراتلارنىڭ نىدالىرى خۇداغا يېتىپ باردى. ئۇ موھتاجلارنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلايدۇ.
لېكىن، ئەيسا مەسىھ بولسا ئوغۇل بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ ئائىلىسىنى سادىقلىق بىلەن باشقۇردى. ئەگەر بىز جاسارىتىمىزنى ۋە ئىپتىخارلىنىدىغان ئۈمىدىمىزنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرساق، خۇدانىڭ ئاشۇ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بولىمىز.
شۇڭا مەن تىلىكىڭ بويىچە ساڭا بۇرۇن ھېچكىمدە بولۇپ باقمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمدە بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.
ئۇ يەتكۈزەر مۇرادىغا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى، ئاڭلاپ نالىسىنى قۇتقۇزار ئۇلارنى.
ياماننىڭ قورققىنى ئۇنىڭ بېشىغا چۈشەر، ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشار.