Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 4:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 بىر كىشىدە خۇدانىڭ روھىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى مۇنداق پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ: ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان كىشىدە خۇدانىڭ روھى بار بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 4:2
10 Referans Kwoze  

شۇڭا، يەنە ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۆزلىگەن ھەرقانداق كىشى: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىسىزمۇ ھېچكىم: «ئەيسا مەسىھ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېيەلمەيدۇ.


«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.


ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.


ئەيسانىڭ مەسىھ، يەنى قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان بولىدۇ. ئاتىسىنى سۆيىدىغان كىشى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ سۆيىدۇ.


بىراق، بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان كىشىدە خۇدانىڭ روھى يوق بولىدۇ. بۇنداقلاردا ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىنىڭ روھى باردۇر. بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار. دەرۋەقە، ئۇ ھازىرمۇ دۇنيادا مەۋجۇتتۇر.


خۇدا ئۆز ئوغلىنى رەت قىلغانلارنىڭ ئاتىسى بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇنى ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ئاتىسى بولىدۇ.


بۇ ھاياتلىق بىزگە ئايان بولدى. بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇڭا، بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئەسلىدە ئەرشتىكى ئاتىمىز بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز.


ئەگەر كىمدەكىم ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭدا، ئۇمۇ خۇدادا ياشايدۇ.


نۇرغۇن ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite