14 ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنى بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇشقا ئەۋەتتى. بۇنى بىز كۆردۇق ھەم بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز.
ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت بىزنىڭ خۇداغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمىز ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىدۇر. چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆز ئوغلىنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتتى.
ئۇلار ئايالغا: - بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز ئەمدى پەقەت سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئاڭلىغانلىقىدىنمۇ بولدى. ئۇنىڭ ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق! - دېيىشتى.
«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.
ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر!
بىز ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئىشەنچلىك، دەپ قارىغان يەردە، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى تېخىمۇ ئىشەنچلىكتۇر. خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا شۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەن.
مەن خۇدا يولىدىكى سادىق قېرىندىشىم سىلاسنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ قىسقىغىنا خەتنى يازدىم. ئۇشبۇ خەتنى يېزىشىمدىكى مەقسەت، سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە خۇدانىڭ ھەقىقىي مېھىر-شەپقىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ مېھىر-شەپقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار.
سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمىغانلارنى سوراققا تارتمايمەن، چۈنكى مەن ئىنسانلارنى سوراققا تارتقىلى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم.
مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىسىلەر، چۈنكى ئۇنىڭد ن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولۇشنىڭ يولىنى تاپالايمىز، دەپ قارايسىلەر. ئەجەبا، بۇ يازمىلار مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەپ تونۇشتۇرغان ئەمەسمۇ؟!
خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.
سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيىدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارلىق ۋاقتىنى خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە سەرپ قىلىپ، يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى.
ئەمدى ماڭا كەلسەك، ئاتام مېنى تاللاپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسەم، مېنى «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەرشتە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
بىلىپ قويۇڭكى، بىز بىلىدىغىنىمىزنى ۋە كۆرگىنىمىزنى ئېيتساقمۇ، سىلەر يەنىلا بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايۋاتىسىلەر.