13 خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە خۇدانىڭ بىزنىڭ قەلبىمىزدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغانلىقىدىن بىلىمىز.
خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان كىشى خۇداغا باغلىنىپ ياشىغان ۋە خۇدا ئۇنىڭ قەلبىدە ياشىغان بولىدۇ. خۇدانىڭ قەلبىمىزدە ياشايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھىدىن بىلىمىز.
بىز بولساق بۇ دۇنيانىڭ ئاقىللىقىنى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قوبۇل قىلدۇق. شۇڭا، بىز خۇدانىڭ بىزگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىنى چۈشىنەلەيمىز.
تېنىڭلارنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا مەنسۇپسىلەر.
خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلساق، ئۇ چاغدا خۇدانى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز.
لېكىن، خۇدانىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلساق، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ھەقىقەتەن مۇكەممەل ئىپادىلىگەن بولىمىز. ئۆزىمىزنىڭ خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلەلەيمىز.