11 قەدىرلىك قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇ قەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن يەردە، بىزمۇ بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا بىركىم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتقان بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. رەببىمىز سىلەرنى كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار.
ھازىر سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر بېرىمەن. «بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.»
خۇدانىڭ ئەمرى شۇكى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىمىز ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ بىزگە بۇيرۇغىنىدەك، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر.
- ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلغان ھېلىقى كىشى، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. - ئۇنداق بولسا، سىزمۇ بېرىپ، باشقىلارغا شۇنداق قىلىڭ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
بارلىق ئاداۋەت تۇتۇش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، جېدەللىشىش، تۆھمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىللەتلەردىن ۋە ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.
قەدىرلىك قېرىنداشلار، سىلەرگە بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى بىر ئەمرنى ئەمەس، بەلكى بۇرۇندىن تارتىپ سىلەر قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان كونا ئەمرنى يازماقتىمەن. بۇ ئەمر خۇدانىڭ سىلەر بۇرۇندىنلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆزىدۇر.
بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى! مانا بۇ، سىلەر بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تەلىم.
قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىن كېلىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ.
ھۆرمەتلىك خانىم، ئەمدى مەن سىزدىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، بىز ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك. مەن سىزگە يېزىۋاتقانلىرىم يېڭى بىر ئەمر ئەمەس، بەلكى بىز بۇرۇندىن تارتىپ قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان ئەمردۇر.