Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 3:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئەيسا مەسىھكە بۇ ئۈمىدنى باغلىغان ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى پاك تۇتىدۇ. چۇنكى، ئەيسا مەسىھ پاكتۇر.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 3:3
21 Referans Kwoze  

قەدىرلىك قېرىنداشلار، بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز، تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى. خۇدادىن ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتايلى.


«خۇداغا باغلىنىپ ياشايمەن» دېگەن كىشى ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ياشىشى كېرەك.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بۇ ئىشلارنى كۈتۈۋاتقانىكەنسىلەر، خۇدانىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ۋە قۇسۇرسىز ياشاشقا ھەمدە خۇدا بىلەن ئىناقلىقنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىڭلار.


شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ شۇنداق بولۇڭلار.


كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك ياشاشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى، پاك ياشىمىغان كىشى رەبكە يېقىنلىشالمايدۇ.


ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.


سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن ساقلىنىۋاتقان ھەقىقىي بايلىققا بولغان ئۈمىدىڭلاردىن كەلگەن. ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان خۇش خەۋەر سىلەرگە دەسلەپتە يەتكۈزۈلگەن چاغدىلا بۇ ئۈمىد سىلەردە پەيدا بولغان.


خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن تەڭ كۆردى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق خۇدا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پاك قىلدى.


بۇنىڭ بىلەن، بىز خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىگە ئىگە بولدۇق.


ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى ئارقىلىق بىزگە ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك ۋەدىلەرنى بەردى. بۇلار ئارقىلىق بىز بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ بولمىغۇر ھەۋەسلىرىدىن كېلىپ چىققان ئەخلاقسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاش تەبىئەتكە ئىگە بولالايمىز.


ئەرشتىكى ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار.


مۇشۇنداق بولغاندا، مېھىر-مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ. قىيامەت كۈنى، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرىكىمىز توق بولىدۇ. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك، ھازىر بىزمۇ بۇ دۇنيادا شۇ مېھىر-مۇھەببەتتىن بەھرىمەندۇرمىز.


خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسى ۋە قەسىمى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى، خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ. شۇڭا، خۇدادىن پاناھلىنىۋاتقان بىزلەر ئۇنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىدىن كۆپ ئىلھامغا ئېرىشىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈمىدتە ئىشەنچ بىلەن چىڭ تۇرالايمىز.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن، ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز سىلەرنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرگە بارلىق ياخشى ئىش، ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقا كۈچ-قۇدرەت بەرگەي!


يەشايا پەيغەمبەرمۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېگەن: «يىشاينىڭ ئەۋلادىدىن بىرى چىقىپ، باشقا مىللەتلەرگە ھاكىملىق قىلىدۇ. يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ.»


پاكلىقىڭنى كۆرسىتىسەن پاك ئادەملەرگە، لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىسەن نىيىتى ئەگرىلەرگە.


ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي ئاتىسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا ئاتايمەن.


خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قول ئۈزۈڭلار. ئەي ھەم خۇدانى، ھەم دۇنيانى دوست تۇتىمىز دېگۈچىلەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! ئۇ بىزگە چەكسىز رەھىمدىللىك كۆرسىتىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغۇلدۇرۇپ، ئۆچمەس بىر ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.


ئەكسىچە، ھەممە ئىشلىرىڭلاردا پاك بولۇڭلار، چۈنكى سىلەرنى چاقىرغان خۇدا پاكتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite