Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 3:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئەگەر مال-دۇنياسى بار بولغان كىشى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 3:17
17 Referans Kwoze  

ياخشىلىق قىلىشنى ۋە باشقىلارنى ئۆزىمىزدە بار بولغاندىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشنى ئۇنتۇمايلى. چۈنكى، خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ.


ئەگەر بىرى، «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى، كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن كىشى كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟


- ئىككى قۇر كىيىمى بارلار بىر قۇرىنى يوقلارغا بەرسۇن، يەيدىغىنى بارلارمۇ شۇنداق قىلسۇن، - دەپ جاۋاب بەردى يەھيا پەيغەمبەر.


نامراتقا ياردەم بېرىش پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەر، ئۇنىڭ قىلغان شاپائىتىنى پەرۋەردىگار قايتۇرار.


ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى ئاچ-يالىڭاچ قالسا، ئۇنىڭغا: «خۇدا قورسىقىڭنى توق، كىيىمىڭنى پۈتۈن قىلسۇن، ئامان بول!» دەپ قويۇپلا، ھاجىتىدىن چىقمىساڭلار، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟


پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە كىمكى قۇلاق سالمىسا، ئۇنىڭ دۇئالىرىمۇ يىرگىنچلىكتۇر ھەتتا.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نەقەدەر مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەر ئۈچۈن نامرات بولدى. مەقسەت، ئۆزى نامرات بولۇش ئارقىلىق سىلەرنى روھىي جەھەتتىن باي قىلىش ئىدى.


ئەيسانىڭ مەسىھ، يەنى قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان بولىدۇ. ئاتىسىنى سۆيىدىغان كىشى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ سۆيىدۇ.


ھەققانىي ئادەم ئۆز مال-ۋارىنىنى ئاسرىماي قالماس، يامان ئادەمنىڭ «رەھىمدىللىكى» زالىملىقتۇر خالاس.


كەمبەغەلنى ئەزگەنلىك ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكتۇر، ھاجەتمەنگە شاپائەت قىلغانلىق ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنى ئۇلۇغلىغانلىقتۇر.


كىمكى قۇلاق سالمىسا كەمبەغەللەرنىڭ داد-پەريادىغا، ئۆزى داد-پەرياد قىلغاندىمۇ ھېچكىم جاۋاب بەرمەس ئۇنىڭغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite