9 كىمدەكىم ئۆزىنى «يورۇقلۇقتا ياشاۋاتىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ.
ئەگەر بىرى، «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى، كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن كىشى كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟
لېكىن، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاراڭغۇلۇقتىدۇر. ئۇ قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ ۋە قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتكەن.
نادان ۋە بىلىمسىزدۇر ئۇلارنىڭ ھەممىسى، ماڭار ئۇلار زۇلمەت ئارا، تەۋرەر يەرنىڭ ئۇللىرى.
بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولمىغان كىشى پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان ياكى كور كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇنداق كىشى بۇرۇنقى گۇناھلىرىدىن پاك قىلىنغانلىقىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ.
«خۇدانى تونۇيمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر.
ئەگەر ئۆزىمىزنى خۇداغا يېقىن دەپ تۇرۇپ، يەنىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، قاراڭغۇلۇقتا مېڭىۋەرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز.
- كور بولغان بولساڭلار، گۇناھكار بولمىغان بولاتتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - لېكىن ھازىر، «كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن گۇناھكارسىلەر.
قېرىندىشىڭلارغا ئاداۋەت ساقلىماڭلار، ئەيىبىنى يۈزىگە دەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ گۇناھىغا شېرىك بولۇپ قالمايسىلەر.
ئابسالوم ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان سۆزلەرنى قىلىشنى بىلەلمىدى. چۈنكى ئامنون سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى.
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئېتىقادچىلاردىن بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن كىشى جەم بولۇشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پېترۇس ئۆرە تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ھەققانىي يول تۇتمايدىغان ياكى قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمەيدىغان كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى ئەمەستۇر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن شەيتاننىڭ پەرزەنتلىرى مانا مۇشۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇ.