26 سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم.
نۇرغۇن ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىدۇر.
ئەزىز بالىلىرىم، كىشىلەر سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغان كىشى ئەيسا مەسىھ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر.
چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار خۇدا تاللىغانلارنى مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.
ئېھتىياتچان بولۇڭلار، ھېچكىم سىلەرنى قۇرۇق پەلسەپە ۋە يالغان سەپسەتىلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. بۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرنىڭ تەسىرلىرىدىن كەلگەن.
مۇقەددەس روھ شۇنى بىزگە ئوچۇق ئېيتىدۇكى، ئاخىر زاماندا بەزىلەر ئېتىقادتىن تېنىپ، ھىيلىگەر جىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ساختا تەلىملىرىگە ئەگىشىدۇ.
ھەققانىيلار يېقىنىغا يول كۆرسىتەر، يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئازدۇرار.
رەزىل ۋە ساختىپەز كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ، باشقىلارنى ئالداش بىلەن بىللە ئۆزلىرىمۇ ئالدىنىپ كېتىدۇ.
ساختا كەمتەرلىك قىلىشقا ۋە پەرىشتىلەرگە چوقۇنۇشقا بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئىشلاردا ئەيىبلەشلىرىگە پەرۋا قىلماڭلار. ئۇلار ساختا، غايىبانە ئالامەتلەرگە ئېسىلىشىۋېلىپ، ھەر خىل خام خىياللاردا بولۇپ، ئاساسسىز تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ.
ساختا پەيغەمبەرلەر خەلقىمنى ئالداپ: ‹سىلەر بىخەتەر› دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھېچبىر بىخەتەرلىك يوقتۇر. بۇ خۇددى ئادەملەرنىڭ ياسىغان ئاجىز تېمىنى ساختا پەيغەمبەرلەر كېلىپ ھاكلاپ قويغاندەك بىر ساختا ئىشتۇر.