Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 2:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تەلىمنى داۋاملىق قەلبىڭلاردا ساقلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ داۋاملىق ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياشاۋاتقان بولىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 2:24
27 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - مېنى سۆيىدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلىدۇ، ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ. ئاتام بىلەن ئىككىمىز مۇنداق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قۇرىمىز.


خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە خۇدانىڭ بىزنىڭ قەلبىمىزدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغانلىقىدىن بىلىمىز.


بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يېتىمىز ۋە بۇنىڭدىن گۇمانلانمايمىز. خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. شۇڭا، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشىغان كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاڭلىغان ۋە قوبۇل قىلغان تەلىملەرنى ئېسىڭدە تۇت. ئۇلارغا ئەمەل قىل، توۋا قىل. ئەگەر ئويغانمىساڭ، مېنىڭ كېلىشىم ساڭا خۇددى ئوغرىنىڭ كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا كەلگىنىدەك تۇيۇقسىز بىلىنىدۇ. مېنىڭ كېلىدىغان ۋاقىت-سائىتىمنى ھەرگىز بىلەلمەيسەن.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، سىلەرگە بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى بىر ئەمرنى ئەمەس، بەلكى بۇرۇندىن تارتىپ سىلەر قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان كونا ئەمرنى يازماقتىمەن. بۇ ئەمر خۇدانىڭ سىلەر بۇرۇندىنلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆزىدۇر.


سىلەرنىڭمۇ بىز بىلەن قېرىنداش بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىمىز. بىز بۇنداق قېرىنداشلىقتىن بىللە بەھرىمەن بولالايمىز. چۈنكى، بىز ھەممىمىز بىرلىكتە ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلاندۇق.


سىلەر مەندە بولساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ساقلانسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، شۇنىڭغا ئېرىشىسىلەر.


تۇيۇقسىز كېلىمەن. تاجىڭنى باشقىلارنىڭ تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈڭدە بار بولغاننى چىڭ ساقلا.


ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا خۇدادىن كەلگەن بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن غەزەللەرنى ئېيتىڭلار.


نىيەت قىلىپ گۇناھكار بولماسلىقنى، ساقلىدىم قەلبىمدە چىڭ سۆزلىرىڭنى.


شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.


دەسلەپتىكى ئىشەنچىمىزنى بوشاشتۇرماي ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرساقلا، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ھەممىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز.


ئەي فىلىپىلىكلەر، سىلەرگە مەلۇمكى، مەن سىلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى باشلىغان ۋە ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلغان چاغلىرىمدا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ماڭا ياردەم بەرمىدى.


بەزى قېرىنداشلار كېلىپ، سېنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىڭنى، يەنى ھەقىقەت يولىدا داۋاملىق مېڭىۋاتقانلىقىڭنى ئېيتقاندا، مەن بەك خۇرسەن بولدۇم.


چۈنكى، بۇ ھەقىقەت قەلبىمىزدە ياشىماقتا ۋە مەڭگۈ بىزگە يار بولىدۇ.


شۇڭا، ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.


- سەن زادى كىم؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار. - باشتىن تارتىپ سىلەرگە نېمە دېگەن بولسام، مەن شۇ.


ئۇلار خاتىرىلەشتە، بۇ ئىشلارنى باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، خۇش خەۋەر تارقاتقانلارنىڭ بايانلىرىنى ئاساس قىلغان.


بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى، تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى.


- ئاڭلاپ قويۇڭلار، بىرسىنىڭ ساتقۇنلۇقى بىلەن، ئىنسانئوغلى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، - دېدى.


تېنىمنى يېگەن ۋە قېنىمنى ئىچكەن كىشى مەندە ياشايدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن.


خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان كىشى خۇداغا باغلىنىپ ياشىغان ۋە خۇدا ئۇنىڭ قەلبىدە ياشىغان بولىدۇ. خۇدانىڭ قەلبىمىزدە ياشايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھىدىن بىلىمىز.


ئەگەر كىمدەكىم ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭدا، ئۇمۇ خۇدادا ياشايدۇ.


ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرماي، ئۇنىڭدىن چەتنىگەنلەر خۇدائاتىغا باغلانمىغان بولىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرغانلار بولسا ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياشاۋاتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite