Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 2:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 خۇدا ئۆز ئوغلىنى رەت قىلغانلارنىڭ ئاتىسى بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇنى ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ئاتىسى بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 2:23
15 Referans Kwoze  

ئەگەر كىمدەكىم ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭدا، ئۇمۇ خۇدادا ياشايدۇ.


- ئاتاڭ قەيەردە؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار. - سىلەر يا مېنى تونۇمايسىلەر، يا ئاتامنى. مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇيتتۇڭلار، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.


ئاتام ئىككىمىز ئەسلىدە بىرمىز.


بۇنىڭدىن مەقسەت، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىگىنىدەك، ئوغلىنىمۇ ھۆرمەتلىشى ئۈچۈندۇر. ئوغلىنى ھۆرمەتلىمىگەنلەر ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىسىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ.


ئەيسانىڭ مەسىھ، يەنى قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان بولىدۇ. ئاتىسىنى سۆيىدىغان كىشى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ سۆيىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە: - ئاتام ھەممىنى ماڭا ئاتا قىلدى. مېنىڭ كىملىكىمنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاتامنىڭ كىملىكىنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، - دېدى.


ئاتام ھەممىنى ماڭا تەقدىم قىلدى. مېنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ. ئاتامنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ.


ئەمىسە، كىم ئۇچىغا چىققان يالغانچى؟ ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىپ، ئۇنى «مەسىھ، يەنى قۇتقۇزغۇچى ئەمەس» دەپ قارىغان ئادەم ئۇچىغا چىققان يالغانچىدۇر! ئەرشتىكى ئاتىمىزنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغان كىشى ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىدۇر.


ئۇلار بۇلارنى يا ئاتامنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ.


مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا - سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر.


بىر كىشىدە خۇدانىڭ روھىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى مۇنداق پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ: ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان كىشىدە خۇدانىڭ روھى بار بولىدۇ.


يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite