يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 2:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى22 ئەمىسە، كىم ئۇچىغا چىققان يالغانچى؟ ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىپ، ئۇنى «مەسىھ، يەنى قۇتقۇزغۇچى ئەمەس» دەپ قارىغان ئادەم ئۇچىغا چىققان يالغانچىدۇر! ئەرشتىكى ئاتىمىزنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغان كىشى ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىدۇر. Gade chapit la |
بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن.