Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 2:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 بۇ دۇنيانى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى سۆيمەڭلار. بۇ دۇنيانى سۆيسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىزنى سۆيمىگەن بولىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 2:15
15 Referans Kwoze  

ئەي خۇداغا ۋاپاسىزلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولساڭلار، خۇدانىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىسىلەر.


بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار، ئەكسىچە ئوي-پىكرىڭلار خۇدانىڭ يېڭىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگەرسۇن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھاياتىڭلارغا بولغان ئىرادىسىنى ھەمدە بۇ ئىرادىنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر خۇرسەن قىلارلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر.


ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق كىشى يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.


ئىككى خوجايىنغا خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق چاكار يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.


سىلەرمۇ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىدىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئۆزىنىڭ دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق، مەن سىلەرنى بۇ پانىي دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەسسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.


ئەگەر مال-دۇنياسى بار بولغان كىشى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟


چۈنكى، پۇلپەرەسلىك ھەر خىل يامانلىقنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر باي بولۇش ھەۋىسى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزىگە تۈگىمەس ئازاب تېپىۋالدى.


مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ ياق، مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستىگەن بولسام، ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولمىغان بولاتتىم.


ساختا پەيغەمبەرلەر بۇ دۇنياغا مەنسۇپ. شۇڭا، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلارمۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ.


ئۇ چاغلاردا، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ يامان يوللىرىدا ماڭغانىدىڭلار، يامان روھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ھەمدە كىشىلەرنى خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرىدىغان شەيتانغا بويسۇنۇپ ياشىدىڭلار.


خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەق، دەپ بىلىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن كىشى خۇدانى يالغانچى، دەپ قارىغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى توغرۇلۇق بەرگەن گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن بولىدۇ.


ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى ناھايىتى ئېگىز بىر تاغقا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى كۆركەملىكى بىلەن كۆرسىتىپ:


خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite