Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يازماقتىمەن. مۇبادا بىرىمىز گۇناھ سادىر قىلساق، ئاقلىغۇچىمىز بولغان ئادىل ئەيسا مەسىھ ئەرشتىكى ئاتىمىزنىڭ ئالدىدا بىزنى ئاقلايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 2:1
47 Referans Kwoze  

چۈنكى، خۇدا بىردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى كېلىشتۈرگۈچىمۇ بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىنسان تېنىدە دۇنياغا كەلگەن ئەيسا مەسىھتۇر.


كىم بىزنى گۇناھقا مەھكۇم قىلالايدۇ؟ ھېچكىم! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن ئۆلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ تىرىلدۈرۈلۈپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ھوقۇق تۇتۇپ، بىز ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلماقتا.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.


خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.


ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇداغا مەنسۇپ، سىلەر ساختا پەيغەمبەرلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار. چۈنكى، سىلەردىكى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بۇ دۇنيادىكى شەيتاننىڭ كۈچىدىن ئۇلۇغدۇر.


ئەزىز بالىلىرىم، قۇرۇق سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەت بىلەن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى.


ئەزىز بالىلىرىم، كىشىلەر سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغان كىشى ئەيسا مەسىھ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر.


- چىقمىدى، ھەزرەتلىرى، - دېدى ئايال. ھەزرىتى ئەيسا: - مەنمۇ سىزنى سوراق قىلمايمەن. قايتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلماڭ! - دېدى.{


شۇڭا، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇپ بىزگە ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن، ئەرشتىكى ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىردى.


ھالبۇكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانلارنى گۇناھىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.


دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەممەيلەن قەلبىمىزدىكى ئوخشاش بىر مۇقەددەس روھقا تايىنىپ خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىغا بارالايمىز.


بىراق، سىلەر بۇزۇلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن ئەمەس، بۇزۇلمايدىغان، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭلار! بۇنى سىلەرگە ئىنسانئوغلى~-~ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى خۇدائاتام تەستىقلىغان.


ئەگەر سەن ئۇنى گۇناھ سادىر قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بولساڭ، ئۇ سېنىڭ نەسىھەتىڭنى ئاڭلاپ گۇناھتىن قول ئۈزگەن بولسا، ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ، سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولىسەن.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى.


ئەگەر ئاچچىقلانساڭلار، ئاچچىقىڭلار سىلەرنى گۇناھقا باشلىمىسۇن. ئاچچىقىڭلاردىن قايتماي، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن.


بالىلىرىم! ئېتىقادىڭلار ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتى سىلەردە گەۋدىلەنگۈچە، مەن سىلەر ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم خۇددى تولغاق ئازابىنى تارتىۋاتقان ئانىدەك ئازابلىنىۋاتىمەن.


لېكىن، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ چوڭ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىم، يەنى ئاتام مېنىڭ ئورۇندىشىم ئۈچۈن ماڭا تاپشۇرغان ئىشلاردۇر. بۇلار ئاتامنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە: - ئاتام ھەممىنى ماڭا ئاتا قىلدى. مېنىڭ كىملىكىمنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاتامنىڭ كىملىكىنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، - دېدى.


مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇ گۇناھ قىلمىغان، ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز چىقمىغان.»


ئەقىل-ھوشۇڭلارنى تېپىپ، گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار. بەزىلىرىڭلار خۇدانى تېخىچە تونۇمايسىلەر. بۇ سۆزنى سىلەرنى خىجىل بولسۇن، دەپ ئېيتىۋاتىمەن.


بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ: - كېسىلىڭدىن ساقايدىڭ. ئەمدى گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا كېلىپ قالمىسۇن! - دېدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.


خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر.


خۇدادىن قورقۇڭلار، گۇناھ قىلماڭلار! جىمجىت يېتىپ ئورنۇڭلاردا، بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىڭلار! سېلاھ


ئەزىز بالىلىرىم، خۇداغا بېغىشلانغان قەلبىڭلاردىكى ئورۇننى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ ئىگىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىڭلار.


بىز تىلىمىز بىلەن خۇدائاتىمىزنى مەدھىيىلەيمىز، يەنە شۇ تىلىمىز بىلەن خۇدا ئۆز ئوبرازىغا ئوخشاش قىلىپ ياراتقان ئىنسانلارنى قارغايمىز.


ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز دەپ، گۇناھ سادىر قىلىۋەرسەك بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە بولمايدۇ.


بالىلىرىم، مېنىڭ ئەمدى سىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقتىم ئاز قالدى. كېيىن، سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا ئېيتقىنىمدەك سىلەرگىمۇ ئېيتىمەنكى، مەن بارىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر.


مەن گەرچە سېنى تېزرەك يوقلاپ بېرىشنى ئارزۇ قىلساممۇ، يەنىلا بۇ خەتنى يازدىم.


ھەزرىتى ئەيسا: - بالىلار، سىلەردە بېلىق يوقمۇ؟ - دەپ سورىدى. - يوق، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.


مەنمۇ خۇدائاتامدىن سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن. ئۇ سىلەر بىلەن مەڭگۈ بىرگە تۇرىدۇ.


سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلمىغان بىرەر پەيغەمبەر بارمۇ-ھە؟! ئۇلار «خۇدانىڭ ئادالەتچىسى» بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغانلارنىمۇ ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنىمۇ ئۆلتۈردۈڭلار.


بىز بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن ئىدۇق. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بىز خۇدا بىلەن يارىشىۋالغانىكەنمىز، ئۇنداقتا ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەن ھاياتى ئارقىلىق خۇدانىڭ جازاسىدىن چوقۇم قۇتۇلدۇرۇلىمىز.


ھەممە ئادالەتسىزلىك گۇناھتۇر. لېكىن مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمايدىغان گۇناھمۇ بار.


مەن ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىمنىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite