Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 1:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 1:9
37 Referans Kwoze  

ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى، تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى. دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»، خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى. سېلاھ


روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن.


ئۇلارنى ماڭا قارشى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلايمەن. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئاسىيلىقلىرىنى كەچۈرىمەن.


شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.


ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.


باشقىلار ئالدىدا ئېتىراپ قىلغان ئۈمىدىمىزدە ئىككىلەنمەي چىڭ تۇرايلى. چۈنكى، ۋەدە بەرگۈچى خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.


«ئەيسا مەسىھ گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ. مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇچىغا چىققان گۇناھكار بولىمەن.


مەن خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلغىنىمدا، دۇئالىرىمغا قۇلاق سالغايسەن ۋە ماڭا نەزەر سالغايسەن! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ ساڭا قارشى گۇناھ قىلغىنىغا توۋا قىلىمەن. ئەجدادلىرىم گۇناھ ئۆتكۈزدى، ھەتتا مەنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم.


ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن يىرگىنچلىك بۇتقا چوقۇنۇپ، رەزىل ئىشلار بىلەن ئۆزىنى ناپاك قىلمايدۇ. ئۇلارنى مەندىن قايتا-قايتا يۈز ئۆرۈگەنلىكىدەك گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ پاكلايمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.


سىلەرنى ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن زىچ باغلىنىشقا چاقىرغان خۇدا چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشەنچلىكتۇر.


سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىك خۇدادۇر. ئۇ ئۆز ئەھدىسىدە تۇرۇپ، ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىدۇ.


نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇن قىلغان يامانلىقلىرىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى.


كىشىلەر يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.


كىم بىلىپ يېتەلىسۇن ئۆزى قىلغان خاتالىقلىرىنى، بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن پاكلىغىن مېنى.


بەزىلىرىڭلار بۇرۇن مانا شۇنداقلاردىن ئىدىڭلار. لېكىن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق گۇناھىڭلار يۇيۇلۇپ، خۇداغا ئاتالدىڭلار ۋە خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندىڭلار.


ئۇنىڭ مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكى يېڭىلىنار ھەر كۈنى سەھەر، ئۇنىڭ بىزگە بولغان ساداقىتى بۈيۈك شۇ قەدەر.


خۇدا ئادالەتسىز ئەمەستۇر. ئۇ ھەرگىز سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلار ۋە ئېتىقادچىلارغا قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ.


ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن يات ئەلدە ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ ساڭا: «بىز گۇناھ قىلدۇق، يولدىن ئېزىپ، يامانلىق قىلدۇق» دەپ رەھىم قىلىشىڭنى تىلەپ،


ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ ناخشىسىنى ھەم قوزا ھەققىدىكى ناخشىنى ئېيتىشاتتى: «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، قىلغانلىرىڭ ئۇلۇغ ۋە كارامەتتۇر. ئى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ پادىشاھى، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر.


گەرچە ئىبراھىم ياشىنىپ قالغان، ئايالى سارە بولسا تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ۋەجىدىن، خۇدا ئۇنىڭغا پەرزەنت كۆرۈش شەرىپىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ئۆزىگە ۋەدە قىلغان خۇدانىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.


گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.


نېمە ئاساسىڭلار بار؟ ئېيتىڭلار! سىلەر ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ بېقىڭلار. كىم سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەردى؟ بىرەر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنمۇ؟ ياق! بېشارەت بەرگەن مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟! مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. مەن ھەققانىي خۇدا ۋە قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن. مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.


ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىكى مەقسىتى، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى خۇدانىڭ سۆزى ۋە سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق گۇناھلىرىدىن پاك قىلىشتۇر.


مانا ھازىرمۇ خۇدا يەنە ئۆزىنىڭ ئادىللىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار گۇناھكار بولسىمۇ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يەنىلا ئادىللىق بىلەن كەچۈرىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.


مېھىر-مۇھەببىتىم مىڭلىغان ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى، ئاسىيلىقلىرىنى ۋە سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرىمەن. لېكىن گۇناھىغا توۋا قىلمىغان گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايمەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.


مەن خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار بۇ يەرگە قاراپ دۇئا قىلغان ۋاقتىدا، بىزنىڭ ئىلتىجالىرىمىزغا قۇلاق سالغايسەن ۋە ئىلتىجايىمىزنى ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.


ئەمما سىلەر چوقۇم گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن توۋا قىلىشىڭلار كېرەك. چۈنكى سىلەر مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار. سىلەر ھەربىر بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا ئۆزۈڭلارنى يات بۇتلارغا بېغىشلاپ، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!


ئى ئادىل ئاتا، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سېنى تونۇمايدۇ، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن. شاگىرتلىرىممۇ مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلىدۇ.


- ياق! مەن ئۇنى تونۇمايمەن! - دەپ تاندى پېترۇس.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite