Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 1:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 1:7
34 Referans Kwoze  

بۇرۇن سىلەر قاراڭغۇلۇقتا ئىدىڭلار. لېكىن، ھازىر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، يورۇقلۇققا چۆمدۈڭلار. شۇڭا، سۆز-ھەرىكىتىڭلار چوقۇم يورۇقلۇقتىكى ئادەملەرنىڭكىدەك بولسۇن.


سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،


قاراڭغۇ كېچە ئۆتۈپ كەتتى، كۈندۈز، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېقىنلاپ قالدى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ ساۋۇتىنى كىيىڭلار.


ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى گۇناھلىرىمىز بەدىلىگە تۆكۈلگەچكە، بىز گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن بولدۇق. گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى. بۇ، خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى.


ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!


- تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، - دېدىم. ئۇ ماڭا: - بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان.


بىز ئەيسا مەسىھتىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان خەۋەر دەل شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، خۇدا يورۇقلۇقتۇر، ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ.


بەزىلىرىڭلار بۇرۇن مانا شۇنداقلاردىن ئىدىڭلار. لېكىن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق گۇناھىڭلار يۇيۇلۇپ، خۇداغا ئاتالدىڭلار ۋە خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندىڭلار.


بەلكى خۇدا ئەۋەتكەن كەم-كۈتىسىز قوزىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى.


- نۇرنىڭ ئاراڭلاردا چاقنايدىغان ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەستۇر. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا داۋاملىق مېڭىڭلار. قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.


ئەيسا مەسىھ دۇنياغا كەلگەندە، سۇدا چۆمۈلدۈرۈش رەسمىيىتىنىمۇ، كرېستكە مىخلىنىپ قان تۆكۈشنىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ كەلگەندە، پەقەت سۇدا چۆمۈلدۈرۈش رەسمىيىتىدىن ئۆتۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز قېنىنى تۆكۈپ قۇربانلىقنىمۇ بەردى. مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ روھى ھەقىقەتتۇر.


سىلەرنىڭمۇ بىز بىلەن قېرىنداش بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىمىز. بىز بۇنداق قېرىنداشلىقتىن بىللە بەھرىمەن بولالايمىز. چۈنكى، بىز ھەممىمىز بىرلىكتە ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلاندۇق.


تەنتەنە، ئالقىشلارنى قىلغان خەلق بەختلىك ھېسابلىنار، ياشار ئۇلار ھۇزۇرۇڭنىڭ نۇرىدا ئى پەرۋەردىگار.


چۈنكى مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ ئۆلۈمدىن، ساقلىدىڭ ھەم پۇتلىرىمنى پۇتلىشىپ كېتىشتىن. مەقسىتىڭ مېنى ئامان يۈرسۇن دەپ ئالدىڭدا، ماڭسۇن دەپ ھەم ھاياتلىق نۇرۇڭدا.


ئۇ كۈن كەلگەندە، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ئۈچۈن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ بۇلاق ئۇلارنىڭ بارچە گۇناھلىرى ۋە ناپاكلىقىنى يۇيىدۇ.»


ياقۇپ ئەۋلادلىرى كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى.


قېرىنداشلىرىمىز قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئەجدىھانى يەڭدى. ئۇلار ھەتتا ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئۆز جېنىنى ئايىمىدى.


نۇر خۇددى ئۇرۇقتەك چېچىلغاندۇر ھەققانىيلارغا، شادلىق تېرىلغاندۇر دىلى دۇرۇسلارغا.


بۇلار: مۇقەددەس روھ، چۆمۈلدۈرۈش سۈيى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ تۆككەن قېنىدىن ئىبارەت. بۇ ئۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىردەكتۇر.


ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس.


ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر!


مەن ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىمنىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر.


لىباسىڭدۇر يورۇقلۇق، سەن ئۇنىڭغا پۈركەنگەن، ئاسمىنىڭنىڭ گۈمبىزى چېدىر كەبى تىكىلگەن.


پەرزەنتلىرىڭىزدىن بەزىلىرىنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن ئالغان ئەمر بويىچە ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.


ئىككى ئادەم دېيىشىپ قويماي تۇرۇپ، بىرگە سەپەر قىلامدۇ؟


پاكلىغايسەن ئەتمىشىمدىن ئىگەم مېنى، يۇيۇپ پاكىز مېنىڭ بارلىق گۇناھىمنى.


ئۇ چوغنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ قويۇپ: _ قارا، بۇ چوغ لەۋلىرىڭگە تەگكۈزۈلدى، ئەمدى ئەيىبلىرىڭ يۇيۇلدى، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈلدى، _ دېدى.


يېرۇسالېمنىڭ پۇقرالىرىدىن ھېچكىم ئەمدى ئۆزىنى «مەن كېسەل» دېمەيدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ.


بىزگە گۇناھ قىلغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.


چۈنكى، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى چايقايدىكەن، سۇنىڭ چايقىلىشىدىن كېيىن كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ كىرگەن كىشى ھەرقانداق كېسەلدىن خالاس بولىدىكەن.{


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite