Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 1:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 بىز ئەيسا مەسىھتىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان خەۋەر دەل شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، خۇدا يورۇقلۇقتۇر، ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 1:5
19 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ.


ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس.


قۇياش كۈندۈزى نۇرۇڭ بولمايدۇ، ئايمۇ سېنى يورۇتمايدۇ، پەقەت مەن پەرۋەردىگارلا سېنىڭ نۇرۇڭ بولىمەن. مەن خۇدا سېنىڭ شان-شەرىپىڭ بولىمەن.


نىجاتلىقىم ۋە نۇرۇم تۇرسا پەرۋەردىگار، مەن يەنە كىملەردىن قورقۇپ ياشاي؟ ھاياتىمنىڭ قورغىنى تۇرسا پەرۋەردىگار، يەنە كىملەر ئالدىدا تىترەپ تۇراي؟


دۇنياغا كېلىدىغان بۇ «ھەقىقىي نۇر» پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتىدىغان نۇردۇر.


«كالام» ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى.


دۇنيادا بولغان مەزگىلىمدە، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن.


ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ يورۇقلۇقى بولۇپ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرىدۇ.


شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ.


چۈنكى ئۆزۈڭ ھاياتلىق بۇلىقىسەن، كۆرىمىز ھەقىقەتنى نۇرۇڭ بىلەن.


بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.


بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى! مانا بۇ، سىلەر بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تەلىم.


رەببىمىزنىڭ داستىخىنى توغرۇلۇق مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملەرنى رەببىمىزدىن ئالغانمەن. رەببىمىز ئەيسا ساتقۇن تەرىپىدىن تۇتۇپ بېرىلگەن كېچە، قولىغا بىر نان ئېلىپ،


تۈن زۇلمىتى قاراڭغۇ كۆرۈنمەس ساڭا، كېچە گويا كۈندۈزدەك يورۇپ تۇرار، قاراڭغۇلۇق يوقتۇر سەن ئۈچۈن ئەسلا.


ياقۇپ ئەۋلادلىرى كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى.


ئۇ ئاشكارىلايدۇ غايىب ئىشلار ۋە سىرلارنى، ئۇ بىلىدۇ بارچە قاراڭغۇلۇقتىكى ئىشلارنى، چۈنكى ياردۇر يورۇقلۇق ئۇنىڭغا.


يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى خۇدانىڭ ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچىسىنىڭ يەھيا پەيغەمبەر ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، روھانىيلار بىلەن مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىيلارنى يەھيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite