Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 بۇ ھاياتلىق بىزگە ئايان بولدى. بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇڭا، بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئەسلىدە ئەرشتىكى ئاتىمىز بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 1:2
37 Referans Kwoze  

يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!


«كالام» ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى.


ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.


مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا - سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر.


بۇ گۇۋاھلىق شۇكى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى. بۇ ھاياتلىق بىزگە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقىلىق كەلدى.


لېكىن، گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى شەيتانغا مەنسۇپتۇر. چۈنكى، شەيتان ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسىتى شەيتاننىڭ قىلمىشلىرىنى يوقىتىشتۇر.


بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت بىزدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى پەيدا قىلىدۇ. يالغانچىلىقتىن مۇستەسنا بولغان خۇدا دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ۋەدە قىلغان.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.


ھالبۇكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانلارنى گۇناھىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.


ھازىر بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ئايان بولدى. ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارنى ئىسكەنجىگە ئالغان ئۆلۈمنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات يولىنى ئېچىپ بەردى.


لېكىن، خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بولۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى.


سىلەرمۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، چۈنكى سىلەر باشتىن تارتىپ مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار.


شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى ياراتقۇچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق، خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى. بىز مانا بۇ ۋەقەنىڭ گۇۋاھچىلىرى.


ھازىر مەن ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىگە بىر ئېغىز سۆز قىلماقچىمەن. چۈنكى، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر يېتەكچى ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ نامايان قىلىدىغان شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولغۇچىمەن. يېتەكچى سۈپىتىمدە سىلەر يېتەكچىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى،


گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.


بىز بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىلىرى. خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھمۇ بۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.


بۇ سۆز خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ھەزرىتى ئەيساغا قارىتىلغان بولۇپ، بىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرى.


مانا بۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، شاگىرتلىرىغا ئۈچىنچى قېتىمقى كۆرۈنۈشى ئىدى.


ئى ئاتا، سېنىڭ يېنىڭغا قايتقىنىمدا، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن بىز بەھرىمەن بولغان ئۇلۇغلۇقتىن مېنى قايتا بەھرىمەن قىلغايسەن.


مەن ئاتامنىڭ يېنىدىن بۇ دۇنياغا كەلدىم. ئەمدى بۇ دۇنيادىن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن.


مەن ئاتامنىڭ يېنىدا كۆرگەنلىرىمنى سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن. سىلەر ئۆز ئاتاڭلاردىن ئاڭلىغانلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!


مەن ئۇنى تونۇيمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ يېنىدىن كەلدىم، مېنى ئۇ ئەۋەتتى.


ھېچكىم ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، ھېچكىم ئەرشتىن چۈشكەن ئەمەس. لېكىن، ئىنسانئوغلى بۇلارنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەرشتىن چۈشكەن.


خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس. بىراق، ئۇنى ئاتىمىز خۇدانىڭ ھەمراھى ۋە يېگانە ئوغلى، شۇنداقلا ئۆزى خۇدا بولغان ئەيسا مەسىھ بىزگە بىلدۈردى.


بىز بۇ خېتىمىزدە سىلەرگە ئەزەلدىن بار بولغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا بايان قىلماقچىمىز. بىز بۇ ھاياتلىق كالامىنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىغان، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ۋە كۆزەتكەن ھەمدە ئۇنى ئۆز قوللىرىمىز بىلەن تۇتقان.


ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن. ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ.


سىلەرنى ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى كۆرگۈچى گۇۋاھلىق بەردى. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر. كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.


ئەيسا مەسىھنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بىزنى مەڭگۈ ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشتۇر.


بىر كىشىدە خۇدانىڭ روھىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى مۇنداق پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ: ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان كىشىدە خۇدانىڭ روھى بار بولىدۇ.


ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنى بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇشقا ئەۋەتتى. بۇنى بىز كۆردۇق ھەم بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز.


مەن بۇلارنى خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان سىلەرگە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولغانلىقىنى بىلسۇن، دەپ يازدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite