Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 1:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، خۇدانى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 1:10
12 Referans Kwoze  

گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ.


خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەق، دەپ بىلىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن كىشى خۇدانى يالغانچى، دەپ قارىغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى توغرۇلۇق بەرگەن گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن بولىدۇ.


«خۇدانى تونۇيمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر.


چۈنكى، بۇ ھەقىقەت قەلبىمىزدە ياشىماقتا ۋە مەڭگۈ بىزگە يار بولىدۇ.


ئەگەر خۇدا پۈتۈپ قويساڭ پۈتۈكۈڭگە بىزنىڭ قىلغان گۇناھ ۋە قىلمىشىمىزنى، قۇتقۇزالار جازايىڭدىن كىم ئۆزىنى؟


ئەزىز بالىلىرىم، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇدۇڭلار. ئاتىلار، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار. يىگىتلەر، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك، خۇدانىڭ سۆزى قەلبىڭلاردا ياشايدۇ، شەيتان ئۈستىدىنمۇ غەلىبە قىلدىڭلار.


مېنىڭ دېگەنلىرىم ئەمەلىيەتتۇر، قېنى كىم ئىنكار قىلالايدۇ؟ قېنى كىم دېگەنلىرىمنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟»


ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا خۇدادىن كەلگەن بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن غەزەللەرنى ئېيتىڭلار.


ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇداغا مەنسۇپ، سىلەر ساختا پەيغەمبەرلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار. چۈنكى، سىلەردىكى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بۇ دۇنيادىكى شەيتاننىڭ كۈچىدىن ئۇلۇغدۇر.


ئادەم بولسىلا پاك بولامدۇ؟ ئايالدىن تۇغۇلسىلا ئادىل بولامدۇ؟


سىلەر تېخى ‹مەن گۇناھسىز، خۇدا ماڭا غەزەپلەنمەيدۇ› دەيسىلەر. ‹مەن گۇناھ قىلمىدىم› دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرنى جازالايمەن.


ھالبۇكى، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىدىغانلار خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite