7 كىم ئۆز پۇلى بىلەن لەشكەرلىك قىلىدۇ؟ كىم كۆچەت تىكىپ، ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېمەيدۇ؟ كىم مال بېقىپ، ئۇنىڭ سۈتىنى ئىچمەيدۇ؟
مېۋىسىنى يەر ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى، ئىززەتكە ئېرىشەر خوجايىنىنى ياخشى كۈتكۈچى.
ئاراڭلاردا ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلغان، لېكىن مېۋىسىدىن تېخى تېتىپ باقمىغانلار بارمۇ؟ بولسا، ئۇمۇ ئۆيىگە قايتىپ، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلانسۇن. بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈزۈملىرىدىن باشقىلار بەھرىلىنىدۇ.
ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقلارنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلساڭ، رەببىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلالايسەن.
ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان!
مىڭ تەڭگە تەۋە بولسۇن سۇلايمانغا، ئىككى يۈز تەڭگە باققۇچىغا. مېنىڭ ئۈزۈمزارىم ئۆزۈمنىڭكىدۇر.
يېتەرلىك بولار سۈتى ئۆچكىلەرنىڭ، ئوزۇقىغا سېنىڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ، تۇرمۇشىنى قامدىشىغا ھەم دېدەكلىرىڭنىڭ.
قويچى قويلىرىغا ياخشى قارىغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ خۇدا سىلەرگە ئامانەت قىلغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭلار. بۇنى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە رازىمەنلىك بىلەن قىلىڭلار؛ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، قىزغىنلىق بىلەن قىلىڭلار.
مەن خۇدا يولىدا ئاخىرغىچە كۈرەش قىلدىم، يەنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ پۈتۈن مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم، ئېتىقادىمدا چىڭ تۇرۇپ كەلدىم.
ئېتىقاد يولىدا ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىل. خۇدا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك ھاياتنى قەدىرلە. سەن بۇنىڭ ئۈچۈن چاقىرىلدىڭ ھەمدە نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار ئالدىدا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاللىبۇرۇن ئوچۇق ئېتىراپ قىلدىڭ.
ئۇلار كۆپ سۈت بەرگەنلىكتىن، بۇ ئادەم سۈزمە يەيدۇ. شۇ زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ سۈزمە ۋە بال يەيدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى سېتىپ، پايدىغا ئېرىشىشتىن سىرت، يەنە باشقا روھانىيلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ نېسىۋىسى بولغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلارغا ئېرىشسە بولىدۇ.