Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 9:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 يېرۇسالېمدىكى چوڭ ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كەلگەنلىرى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدا ۋەزىپىدە بولغانلارنىڭمۇ قىلىنغان قۇربانلىقلاردىن ئۈلۈشى بارلىقىنى بىلمەمسىلەر؟

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 9:13
15 Referans Kwoze  

گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى سۇنغان روھانىي قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن.


ئىسرائىللارغا قاراڭلار، ئۇلار يېرۇسالېمدىكى چوڭ ئىبادەتخانىدا خۇداغا قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنى يېيىش بىلەن ئىبادىتىنى ئىپادىلەيدۇ.


مەن ئۇنى ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپامدا قۇربانلىق قىلسۇن، ئالدىمدا روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق تاقاپ، ماڭا روھانىي بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىۋالغانىدىم. شۇنىڭدەك ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قۇربانلىقلىرىدىن بەرگەنىدىم.


شۇڭا ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا پەقەت لاۋىيلارنىڭ تەقسىملەپ بېرىلگەن زېمىنى يوقتۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر.)


مايلارنى روھانىي قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن، تۆشى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن.


لېكىن ئۇ مەن خۇداغا سۇنۇلغان يېمەكلىكلەردىن، مەيلى مۇقەددەس بولسۇن ياكى ئەڭ مۇقەددەس بولسۇن، ھەممىسىدىن يېسە بولىدۇ.


قالغانلىرىنى سىلەر ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەر نەدىلا يېسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققىدۇر.


كىمگە بويسۇنساڭلار، شۇنىڭ قۇلى بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟ گۇناھقا بوي ئەگسەڭلار، ئۇ سىلەرنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. خۇداغا بويسۇنساڭلار، ئۇ ھەققانىي ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدۇ.


يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرگەن بولسىمۇ، مۇكاپاتنى يالغۇز بىرلا كىشىنىڭ ئالىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. سىلەرمۇ خۇدانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يېڭىپ چىققان تەنھەرىكەتچىدەك يۈگۈرۈشۈڭلار كېرەك.


كۈن ئولتۇرغاندا ئۇ پاكلىنىدۇ، ئاندىن ئۇ مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېسە بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ يېمەكلىكىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite