Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 8:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىش-يېمەسلىك بىلەن ئۆزىمىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇنى يېسەك، خۇداغا يېقىنلىشىپ قالمايمىز، يېمىسەكمۇ خۇدادىن يىراقلىشىپ كەتمەيمىز.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 8:8
5 Referans Kwoze  

چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ياشاش ئەمەس، بەلكى ھەققانىيلىق، ئىناقلىق ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە ياشاش مۇھىمدۇر.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر خىل غەيرىي تەلىملەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا بېرىلىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماڭلار. ئۆزۈڭلارنى يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش بىلەن ئەمەس، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مۇستەھكەملەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر.


«تاماق قورساق ئۈچۈن، قورساق تاماق ئۈچۈن» دېگەنلىك توغرا. لېكىن بەزىلەر خۇددى شۇنىڭدەك، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقمۇ تەن ئۈچۈندۇر، دەپ قارايدۇ. بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. قورساق ۋە تاماق پەقەت بۇ دۇنيادىلا بولۇپ، خۇدا ھەر ئىككىلىسىنى يوقىتىدۇ. تېنىمىز بولسا ئۇ دۇنيادىمۇ بولىدۇ. بىلىشىڭلار كېرەككى، تېنىمىز ئۇ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈندۇر. رەببىمىز بولسا تېنىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ.


ئۇ ئادەم ھەر بىر چاكارنىڭ ئوقەت قىلىش قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرىگە بەش مىڭ، بىرىگە ئىككى مىڭ، بىرىگە مىڭ كۈمۈش تەڭگە بېرىپ، يولغا چىقىپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite