كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 8:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 لېكىن، ھەممە ئېتىقادچىلار بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېتىقادچى بولۇشتىن بۇرۇن بۇتپەرەسلىك ئادەتلىرىگە كۆنۈپ قالغاچقا، ھازىرمۇ بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشنى بۇتقا چوقۇنۇش بىلەن باراۋەر دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇلار بۇ گۆشنى يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ گۆشنى يەپ قالغان بولسا، ئۆزلىرىنى بۇلغاندۇق دەپ ھېس قىلىپ، ۋىجدانى ئازابلىنىدۇ. Gade chapit la |
ئەمدى خېتىڭلاردىكى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ياكى يېمەسلىك مەسىلىسىگە كېلەيلى. سىلەر ھەممىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن بىلىمىمىز بار، دەپ قارايسىلەر. بىراق، بىلىمى كۆپ بولغان ئادەم تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن، مېھىر-مۇھەببىتى كۆپ بولغان ئادەم بولسا قېرىندىشىنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە پۇرسەت ئىزدەيدۇ.