كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 8:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا يېگانە خۇدا، يەنى ئەرشتىكى خۇدائاتىمىزلا باردۇر. ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئۈچۈن يېگانە بىر رەب، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇتتۇر. بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئىگە بولدۇق. Gade chapit la |
«تاماق قورساق ئۈچۈن، قورساق تاماق ئۈچۈن» دېگەنلىك توغرا. لېكىن بەزىلەر خۇددى شۇنىڭدەك، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقمۇ تەن ئۈچۈندۇر، دەپ قارايدۇ. بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. قورساق ۋە تاماق پەقەت بۇ دۇنيادىلا بولۇپ، خۇدا ھەر ئىككىلىسىنى يوقىتىدۇ. تېنىمىز بولسا ئۇ دۇنيادىمۇ بولىدۇ. بىلىشىڭلار كېرەككى، تېنىمىز ئۇ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈندۇر. رەببىمىز بولسا تېنىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ.