Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 8:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئاقىۋەتتە، بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئېتىقادى سىلەرنىڭ بىلىمىڭلار تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قۇربان بولغان.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 8:11
8 Referans Kwoze  

ئەگەر سىلەر يېمەكلىكىڭلار سەۋەبىدىن ئېتىقادى ئاجىز بولغان قېرىندىشىڭلارنى ئۆز ۋىجدانى كۆتۈرمەيدىغان ئىشلارغا دەۋەت قىلساڭلار، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسىلەر. سىلەر بۇ قېرىندىشىڭلارنى يېمەكلىك سەۋەبىدىن نابۇت قىلماڭلار. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر يېگەن گۆشىمىز تۈپەيلىدىن بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن قېرىندىشىمىزنىڭ ئېتىقادى بۇزۇلغۇدەك بولسا، بىز بۇ گۆشنى قەتئىي يېمەيلا قويايلى.


ئۆزۈممۇ سىلەرگە دېگەنلىرىم بويىچە ئىش قىلىمەن. مەن ھەرقايسى جەھەتتىن ھەممە ئادەمنى خۇرسەن قىلىشقا تىرىشىمەن. چۈنكى، مەن ئۆز مەنپەئىتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيمەن.


بىراق، سىلەر بۇزۇلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن ئەمەس، بۇزۇلمايدىغان، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭلار! بۇنى سىلەرگە ئىنسانئوغلى~-~ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى خۇدائاتام تەستىقلىغان.


خوش، ئەمدى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆش مەسىلىسىگە كېلەيلى. بىزگە مەلۇمكى، كۆپ ئادەملەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار خۇدا ئەمەستۇر. يېگانە خۇدادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite