Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 7:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 لېكىن، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىساڭلار، نىكاھلىنىڭلار. چۈنكى، شەھۋەت ئوتىدا كۆيگەندىن كۆرە، نىكاھلىق بولغان ياخشىدۇر.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 7:9
8 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نەسىھەت قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىلاردا ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش پۇرسىتى بولمايدۇ.


مېنىڭ جاۋابىم شۇكى، ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن بىر ئورۇندا ياتسۇن.


ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ياش تۇل ئاياللارنى تىزىملىما. چۈنكى، بۇنداق ئاياللارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئارزۇلىرى ئەيسا مەسىھكە بولغان رىشتىنى بېسىپ كەتسە، ئۇلار قايتا نىكاھلىنىشنى ئارزۇ قىلىپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ.


لېكىن، ئۆيلەنسەڭمۇ گۇناھ قىلغان بولمايسەن. بويىغا يەتكەن قىزلارمۇ ئەرگە تەگسە، گۇناھ قىلغان بولمايدۇ. بىراق، نىكاھلىق بولغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلىرى بولىدۇ. مەن سىلەرنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلاردىن ساقلىنىشىڭلارنى خالايمەن.


ئېرى ھايات چاغدا ئايالى ئېرىگە نىكاھتا باغلانغان بولىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، خالىغان كىشى بىلەن نىكاھلىنىشقا ئەركىندۇر. لېكىن، ئۇ كىشى ئېتىقادچى بولۇشى كېرەك.


ئەگەر بىر كىشى ۋەدىلەشكەن قىزىنى ئارتۇقچە ساقلىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىغان بولسا ۋە شۇ سەۋەبتىن بۇ قىزغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇنداقتا تېگىشلىك دەپ قارىغان ئىشنى قىلسۇن، يەنى ئۇنى ئەمرىگە ئالسۇن. بۇنداق قىلىش گۇناھ قىلغانلىق بولمايدۇ.


بۇ ئىشلارنى ھېچكىم يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. شۇڭا، سىلەر ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىشىڭلار، ئويلىماي بىرەر كۆڭۈلسىز ئىش چىقىرىپ قويماسلىقىڭلار كېرەك.


ھەربىرىڭلار خۇدانى تونۇمايدىغان ئادەملەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، بەلكى تېنىڭلاردىكى بۇ ھەۋەسلەرنى باشقۇرۇپ، پاك ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىڭلار بىلەن ھايات كەچۈرۈڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite