8 ئەمدى جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئەر ۋە ئاياللارغا كەلسەك، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش توي قىلماي ياشىغىنىڭلارنى ياخشى دەيمەن.
غەمسىز بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆيلەنمىگەن ئەر رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، رەببىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، ھەممىڭلارنىڭ ماڭا ئوخشاش توي قىلماسلىقىڭلارنى خالايتتىم. لېكىن، بۇ ئىشتا ھەممە ئادەم ئوخشاش ئەمەس. چۈنكى، خۇدا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بەزىلەرگە توي قىلىشنى، بەزىلەرگە بولسا توي قىلماي ئۆتۈشنى بەرگەن.
ئەمدى سىلەر خېتىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە كېلەيلى. سىلەر «ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا يېقىنلاشماسلىقى ياخشىمۇ؟» دەپ سوراپسىلەر.
رەببىمىز ئەيسانىڭ ئۆز ئىنىلىرى ھەمدە پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردەك بىزنىڭمۇ سەپەردە بىز بىلەن ئوخشاش ئېتىقادى بار ئاياللىرىمىزنى ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟