Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 7:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئەلۋەتتە، ھەممىڭلارنىڭ ماڭا ئوخشاش توي قىلماسلىقىڭلارنى خالايتتىم. لېكىن، بۇ ئىشتا ھەممە ئادەم ئوخشاش ئەمەس. چۈنكى، خۇدا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بەزىلەرگە توي قىلىشنى، بەزىلەرگە بولسا توي قىلماي ئۆتۈشنى بەرگەن.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 7:7
9 Referans Kwoze  

رەببىمىز ئەيسانىڭ ئۆز ئىنىلىرى ھەمدە پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردەك بىزنىڭمۇ سەپەردە بىز بىلەن ئوخشاش ئېتىقادى بار ئاياللىرىمىزنى ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟


ھەمدە خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن ھەربىرىمىزدە ئوخشاش بولمىغان قابىلىيەتلەر بار بولىدۇ. ئەگەر خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى ئۆزىنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش بولسا، ئۇنىڭ سىلەرگە ۋەھىي ئارقىلىق سۆزلەۋاتقانلىقىغا ئىشەنگىنىڭلاردەك، ئىشەنچ بىلەن بۇ ۋەھىينى باشقىلارغا يەتكۈزۈڭلار.


مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بۇ ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلغۇچى مۇقەددەس روھ بىردۇر.


ئەمدى جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئەر ۋە ئاياللارغا كەلسەك، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش توي قىلماي ياشىغىنىڭلارنى ياخشى دەيمەن.


بۇ قابىلىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يۈرۈشتۈرگەن بىردىنبىر مۇقەددەس روھتۇر. مۇقەددەس روھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە بۇ قابىلىيەتلەرنى ھەربىر كىشىگە ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.


پاۋلۇس: - مەيلى بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ۋە بۈگۈن مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماڭا ئوخشاش ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. پەقەتلا ماڭا ئوخشاش، زەنجىردە بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن! - دېدى.


لېكىن، مەن بۇ ھوقۇقنىڭ ھېچقايسىسىدىن پايدىلانمىدىم. ھازىرمۇ مەن بۇ خەتنى بۇ ھوقۇقۇمدىن پايدىلىناي، دەپ يېزىۋاتقىنىم يوق. مەن ئۆلۈشكە رازىمەنكى، بىراق بۇ ئىش ئۈچۈن ماختىنىشىمنىڭ قۇرۇق سۆز بولۇپ قېلىشىغا يول قويمايمەن.


لابان: _ سېنىڭ تەكلىپىڭگە قوشۇلدۇم، دېگىنىڭدەك بولسۇن! _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite