Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 7:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئەر-ئايال بىر-بىرىنىڭ جىنسىي تەلىپىنى رەت قىلماسلىقى كېرەك. پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئا قىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقىتلىق بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىلىپ ياتماڭلار. بولمىسا، شەيتان سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىغانلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سىلەرنى زىناخورلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 7:5
11 Referans Kwoze  

مۇسا ئۇلارغا: _ ئۆگۈنلۈككىچە ھەممىڭلار تەييار بولۇپ تۇرۇڭلار، ئايالىڭلارغا يېقىنلاشماڭلار، _ دېدى.


خەلقنى يىغىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن. ياشانغانلارنى ۋە بالىلارنى يىغىڭلار، ھەتتا بوۋاقلارمۇ يىغىلسۇن. يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەر ھۇجرىلىرىدىن چىقسۇن.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بۇ دېگەنلىكنى ھەممىلا ئادەم ئەمەس، پەقەت خۇدا نېسىپ قىلغانلارلا قوبۇل قىلالايدۇ.


شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم. مەن شەيتاننىڭ سىلەرنى ئازدۇرۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنىڭ بىكارغا كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم.


- يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن.


ئۇلار كېلىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى روھانىيلار ۋە پەيغەمبەرلەردىن: «يىللاردىن بېرى ئىبادەتخانا ۋەيران قىلىنغان خاتىرە كۈنىنى ئەسلەپ، ياز ئاخىرىدا قىلىپ كېلىۋاتقان قايغۇ ئىچىدىكى روزىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىزمۇ؟» دەپ سورىدى.


ئەگەر خوجايىن دېدەكنى خوتۇنلۇققا ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە باشقا خوتۇن ئالغان بولسا، ئۇ چوقۇم دېدەكنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئېھتىياجىدىن ۋە جىنسىي ھاجىتىدىن بۇرۇنقىدەك چىقسۇن.


ئايالنىڭ تېنى پەقەت ئۆزىگىلا ئەمەس، ئېرىگىمۇ تەئەللۇقتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەرنىڭ تېنىمۇ ئۆزىگىلا ئەمەس، ئايالىغىمۇ تەئەللۇقتۇر.


بىراق، بۇنداق جىنلارنى دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەنلا ھەيدىگىلى بولىدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.{


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite