2 مېنىڭ جاۋابىم شۇكى، ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن بىر ئورۇندا ياتسۇن.
ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى شۇنداق سۆيگەنىكەن، ئەرلەرمۇ ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەك. ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر.
يەنە بىر قېتىم شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ھەممىڭلار ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى ھۆرمەتلىسۇن.
لېكىن، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىساڭلار، نىكاھلىنىڭلار. چۈنكى، شەھۋەت ئوتىدا كۆيگەندىن كۆرە، نىكاھلىق بولغان ياخشىدۇر.
ياخشى خوتۇن ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپقان بولار، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھەمىتىگە ئىگە بولار.
شۇنىڭ ئۈچۈن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق بولۇڭلار. ئىنسانلار سادىر قىلغان باشقا گۇناھلارنىڭ ھەممىسى تەننىڭ سىرتىدا بولىدۇ. لېكىن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلغان بولىدۇ.
بۇ يالغانچىلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلىدىغانلارنىڭ شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقان.
سىلەر يەنە: «پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ھەدىيەلىرىمىزنى قوبۇل قىلمايدىغاندۇ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار ياش چېغىڭلاردا ئايالىڭلارغا قىلغان قەسىمىڭلارغا گۇۋاھتۇر. چۈنكى سىلەرنىڭ نىكاھلىنىپ ئالغان ھەمراھىڭلار سىلەرگە سادىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما سىلەر ئۇلارغا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار.
مىراستۇر ئۆي ۋە مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىدىن، ئەقىل-ئىدراكلىق خوتۇن پەرۋەردىگاردىن.
بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىر ئادەم ئۆز ئايالىنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشىدىن باشقا ئىشىنى سەۋەب قىلىپ ئۇنى تالاق قىلسا ھەمدە تالاق قىلىنغان ئايال يەنە بىر ئەرگە تەگسە، تالاق قىلغان ئادەم ئۆز ئايالىنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ.
ئەمدى سىلەر خېتىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە كېلەيلى. سىلەر «ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا يېقىنلاشماسلىقى ياخشىمۇ؟» دەپ سوراپسىلەر.
ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئايالمۇ ئېرىگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
ھەربىرىڭلار خۇدانى تونۇمايدىغان ئادەملەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، بەلكى تېنىڭلاردىكى بۇ ھەۋەسلەرنى باشقۇرۇپ، پاك ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىڭلار بىلەن ھايات كەچۈرۈڭلار.
ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياكى قېرىنداشلىرى كېلىپ بىزگە دەۋا قىلسا، بىز ئۇلارغا: «بىزنىڭ يۈزىمىزنى قىلىپ، بىنيامىنلارغا ئىلتىپات قىلىڭلار. چۈنكى بىز يابېشتىكى جەڭدە ئۇلارغا يەتكۈدەك قىز تاپالمىدۇق. سىلەر قىزىڭلارنى ئۇلارغا ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن بەرمىدىڭلار، شۇڭا سىلەر گۇناھسىز» دەيمىز، _ دېيىشتى.