Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 7:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئاجراشقان بولسا، قايتا توي قىلمىسۇن ياكى ئۆز ئېرى بىلەن قايتىدىن يارىشىۋالسۇن. ئەرمۇ ئايالىنى قويۇۋەتمىسۇن.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 7:11
10 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، باشقا بىرىگە خوتۇن بولۇپ كەتسە، ئالدىنقى ئېرى ئۇ ئايالنى قايتا نىكاھىغا ئالسا بولامدۇ؟! بۇنداق بىمەنىچىلىك پۈتۈن يۇرتنى بۇلغىمامدۇ؟! شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەر ئىسرائىللار خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى نۇرغۇن بۇت ئىلاھلارغا ئاتىۋەتتىڭلار. سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارالايمىز› دەپ ئويلايسىلەر؟


نىكاھلىق بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئايال ئېرىدىن ئاجراشمىسۇن. بۇ مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىزنىڭمۇ بۇيرۇقىدۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟ مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟ ياق! قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار، ئاناڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ھەيدەلدى.


ئۇ ئادەم قىزنىڭ ئاتىسىغا تۆلەم ھېسابىدا بىر كىلو كۈمۈش بەرسۇن. چۈنكى، ئۇ بىر پاك ئىسرائىل قىزغا تۆھمەت قىلدى. ئۇ قىز يەنىلا ئۇنىڭ ئايالى بولىدۇ، ئېرىنىڭ ئۆمۈر بويى ئۇنى قويۇۋېتىشىگە ھەققى بولمايدۇ.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە: - بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دەپ سورىدى.


بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىر ئادەم ئۆز ئايالىنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشىدىن باشقا ئىشىنى سەۋەب قىلىپ ئۇنى تالاق قىلسا ھەمدە تالاق قىلىنغان ئايال يەنە بىر ئەرگە تەگسە، تالاق قىلغان ئادەم ئۆز ئايالىنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ.


ئېرىدىن ئاجرىشىپ باشقا ئەرگە تەگكەن ئايالمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا يەنە: - ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئېلىشمۇ زىنا قىلغانلىق بولىدۇ، - دېدى.


قالغانلىرىڭلارغا كەلسەم، گەرچە بۇ توغرۇلۇق رەببىمىزدىن ھېچقانداق بۇيرۇق ئالمىغان بولساممۇ، لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن ئەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئايالى ئېتىقاد قىلمىغان بولسا بىراق داۋاملىق بىرگە ياشاشقا رازى بولسا، ئۇ چاغدا ئېرى ئۇنى قويۇۋەتمىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite