10 نىكاھلىق بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئايال ئېرىدىن ئاجراشمىسۇن. بۇ مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىزنىڭمۇ بۇيرۇقىدۇر.
بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىر ئادەم ئۆز ئايالىنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشىدىن باشقا ئىشىنى سەۋەب قىلىپ ئۇنى تالاق قىلسا ھەمدە تالاق قىلىنغان ئايال يەنە بىر ئەرگە تەگسە، تالاق قىلغان ئادەم ئۆز ئايالىنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا يەنە: - ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئېلىشمۇ زىنا قىلغانلىق بولىدۇ، - دېدى.
بىراق، ئېتىقاد قىلمىغان تەرەپ ئايرىلىمەن دېسە، ئايرىلسۇن. ئېتىقادچى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، بۇنداق ئەھۋالدا ئۆز نىكاھىنى زورلاپ داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ۋەھالەنكى، خۇدا سىلەرنى ھەمراھىڭلار بىلەن ئىناقلىقتا ياشاشقا چاقىرغان.
بىراق مەن سىلەرگە ئېيتىمەنكى، ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر ئۆز ئېرىنى تاشلاپ كەتكەن ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار.
قالغانلىرىڭلارغا كەلسەم، گەرچە بۇ توغرۇلۇق رەببىمىزدىن ھېچقانداق بۇيرۇق ئالمىغان بولساممۇ، لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن ئەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئايالى ئېتىقاد قىلمىغان بولسا بىراق داۋاملىق بىرگە ياشاشقا رازى بولسا، ئۇ چاغدا ئېرى ئۇنى قويۇۋەتمىسۇن.
خېتىڭلاردىكى بويىغا يەتكەن قىزلار مەسىلىسىگە كەلسەك، رەببىمىزدىن ئۇلار توغرىسىدا بىرەر ئەمر ئالمىدىم. شۇنداقتىمۇ، ئۆز پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. رەببىمىز ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ سۆزلىرىم ئىشەنچلىكتۇر.
ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ سۆزلىرىم پەقەتلا بىر تەكلىپ، بۇيرۇق ئەمەس.
بىراق، تۇل ئايال تۇل پېتى تۇرسا، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ. بۇ مېنىڭ كۆزقارىشىم. لېكىن مەن ئويلايمەنكى، بۇ كۆزقارىشىمغا خۇدانىڭ روھى يېتەكچىلىك قىلدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە: - بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئاجراشقان بولسا، قايتا توي قىلمىسۇن ياكى ئۆز ئېرى بىلەن قايتىدىن يارىشىۋالسۇن. ئەرمۇ ئايالىنى قويۇۋەتمىسۇن.