8 بىراق سىلەر ناھەقلىقكە ئۇچرىماي، ئەكسىچە ئۆزۈڭلار ناھەقلىق قىلىۋاتىسىلەر ۋە باشقىلارنى ئالداۋاتىسىلەر، ھەتتا قېرىنداشلىرىڭلارغىمۇ شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر!
بۇ يامان ئىشلاردا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئالداپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كەتمەڭلار. ئىلگىرى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، رەببىمىز مانا شۇنداق گۇناھلار تۈپەيلىدىن ئىنسانلارنى جازالايدۇ.
مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يامان ئىش قىلسا، قىلغان يامان ئىشىغا يارىشا خۇدانىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ. چۈنكى، خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.
سىلەر ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىش-ھەقلىرىگە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ كەلدىڭلار. ئۇلار ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سىلەرگە ھوسۇل يىغىپ بېرىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاھ-زارى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قۇلىقىغا يەتتى.
سىز تەۋراتتا بۇيرۇلغان «قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزلەرنى ئادا قىلىڭ، - دېدى.
شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».
ئۇلار باشقىلارنىڭ يېرىنىڭ كويىدا بولسا يېرىنى، باشقىلارنىڭ ئۆيىنىڭ كويىدا بولسا، ئۆيىنى تارتىۋالىدۇ. بىرسىنى ئۆيىدىن، يەنە بىرسىنى مىراسىدىن ئايرىيدۇ.
باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماڭلار. ئادەم ئىشلەتسەڭلار، ھەققىنى شۇ كۈنى بېرىڭلار، ئەتىگە قالدۇرماڭلار.
يەر ئىگىسى ئۇلارنىڭ بىرىگە مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇپتۇ: «بۇرادەر، ساڭا ناھەقلىق قىلغىنىم يوق! سەن بىلەن بىر كۈمۈش تەڭگىگە كېلىشمىگەنمىدۇق؟