Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇددى يەھۇدىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۆيلىرىنى خېمىرتۇرۇچتىن خالىي قىلغاندەك، بىزمۇ بۇرۇنقى ھاياتىمىزدىكى خېمىرتۇرۇچنى، يەنى يامانلىق ۋە ئۆچمەنلىكنى تاشلاپ، ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىمىزنى سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقەت ئىچىدە شاد-خۇراملىقتا ئۆتكۈزەيلى.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:8
34 Referans Kwoze  

قۇربانلىق گۆشنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن يېمەڭلار. يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يەڭلار. سىلەر ئەينى چاغدا مىسىردىن تېز چىقىپ كەتكەنىدىڭلار. شۇڭا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا پېتىر نان يېسەڭلار، مىسىردىن چىققان ئاشۇ كۈننى ئۆمۈرۋايەت ئەسلەپ تۇرىسىلەر.


يەتتە كۈنلۈك ھېيت مەزگىلىدە پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئۆيلىرىڭلاردىكى خېمىرتۇرۇچنى تاشلىۋېتىڭلار. بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن ئادەم ئىسرائىللار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


مىڭلىغان كىشىلەر قىستا-قىستاڭچىلىقتىن بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك بولۇشۇپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ: - سىلەر پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: - ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن ھىرود خاننىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، - دېدى.


بۇنىڭ بىلەن، كېيىنكى ھاياتىڭلارنى يامان ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈزىسىلەر.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى ئۆچمەس مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى يار بولغاي!


سىلەرنىڭ ماختىنىشىڭلار توغرا ئەمەس. «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ» دېگەن سۆزنى ياخشى بىلىسىلەرغۇ؟


ھەزرىتى ئەيسا ناتانيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق: - مانا بۇ، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىل! - دېدى.


شاگىرتلار شۇندىلا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىگە ناندىكى ئېچىتقۇدىن ئەمەس، بەلكى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختا تەلىمىدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئېيتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.


ئەمما خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولغان سىلەر خۇددى ھېيت كېچىسىدىكىدەك، ناخشاڭلارنى ياڭرىتىسىلەر. خۇددى كىشىلەر نەي چېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا ماڭغاندەك، خۇددى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاشقا ماڭغاندەك، سىلەرنىڭ قەلبىڭلار شادلىققا تولىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا بارلىق خەلققە زىياپەت تەييارلايدۇ. ئاجايىپ ئېسىل تائاملار، كونا ئېسىل شارابلار بىلەن داستىخان سالىدۇ.


كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىمدە: باراتتىم جامائەت بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈشكە، كىشىلەرنى باشلايتتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە، مەدھىيە ئېيتىپ توۋلىشاتتۇق خۇشال بولۇپ شۇ دەمدە.


نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە، خۇدا گۇناھلىرىنى ساقىت قىلغانلار، كۆڭۈللىرىدە ھىيلە-مىكىر بولمىغانلار.


مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ماڭا ئاتالغان پېتىر نان ھېيتىدۇر. سىلەر ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار.


بۇ سۆزلىرىمنى سىلەرگە بۇيرۇق تەرىقىسىدە ئېيتقىنىم يوق. مەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنىڭ سەمىمىيلىكىنى ماكېدونىيىدىكى جامائەتچىلىكلەرنىڭ ئىئانە توپلاش جەريانىدا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سىناپ كۆرمەكچىمەن.


بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز.


مەن ھەقىقەتەن ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇ خىل ئەخلاقسىزلىق ھەتتا بۇتپەرەسلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئۇچرىمايدۇ. بىرى ئۆگەي ئانىسى بىلەن داۋاملىق بىر ئورۇندا يېتىپتۇ!


چۈنكى، سىلەر تېخىچە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرالارنىڭ بولۇشى بۇنى ئىسپاتلىمامدۇ؟ بۇ يەنە سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولمىغان كىشىلەردەك ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرسەتمەمدۇ؟


يوشۇۋا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا سەمىمىي ۋە ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار! ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى يوقىتىپ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭلارغىلا ئىبادەت قىلىڭلار!


بارلىق ئەرلەر ھەر يىلى ئۈچ قېتىم، يەنى پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتىدا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش ئورنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرسۇن. ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قۇرۇق قول بارمىسۇن.


ھېيت مەزگىلىدە يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار. يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئالاھىدە ئىبادەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈڭلار.


شۇ كېچىسى گۆشنى ئوتتا پىشۇرۇپ، ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات ۋە پېتىر نان بىلەن يېسۇن.


بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغانلىكى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن كىشى مەيلى ئىسرائىل ياكى يات خەلق بولسۇن، ئىسرائىل خەلقى قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە پېتىر نان يەڭلار. ئۆيۈڭلاردا، ھەتتا سىلەرگە تەۋە زېمىن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن.


ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ سۆزىنى پايدا كۆزلەپ بۇرمىلايدىغانلار ھەرگىز بۇنداق ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بىز بولساق، ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەسمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ھەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر بولغاچقا، خۇدا ئالدىدا خۇدانىڭ سۆزىنى سەمىمىي يەتكۈزۈۋاتقانلاردۇرمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite