كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 شۇڭا، جامائەتچىلىكنىڭ پاك بولۇشى ئۈچۈن، بۇنداق گۇناھكارنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار. سىلەر ئاللىبۇرۇن پاكلانغانسىلەر. چۈنكى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق قوزىسى بولغان ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان. Gade chapit la |
خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىقلا، خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. خۇدا ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىش بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى دەرھال جازالىمىغانلىقىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنىڭمۇ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربان بولدى.