Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 سىلەرنىڭ ماختىنىشىڭلار توغرا ئەمەس. «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ» دېگەن سۆزنى ياخشى بىلىسىلەرغۇ؟

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:6
12 Referans Kwoze  

بىراق، ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ پىلانىڭلاردىن مەغرۇرلۇق بىلەن ماختىنىسىلەر. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرغىنىدەك، بىر ئادەمنىڭ خاتا تەلىمىمۇ نۇرغۇن ئادەمنى ئازدۇرىدۇ.


مۇنداق سۆزلەرگە ئالدانماڭلار، چۈنكى «يامان بىلەن دوست بولساڭ، ياخشى ئەخلاقنى بۇزار.»


شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ئېتىقادىمىز كامالەتكە يەتتى، دەپ ماختىنىپ يۈرىسىلەر. سىلەر بۇ ئىشقا قاتتىق قايغۇرۇپ، بۇنداق قىلغۇچىنى ئاراڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا باشقا بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى خېمىرتۇرۇچقا ئوخشايدۇ. ئايال خېمىرتۇرۇچنى بىر خالتا ئۇنغا قوشۇپ يۇغۇرسا، بۇ خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ.


ئۇلارنىڭ گەپلىرى خۇددى زەھەرلىك ئۆسمىدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ. ئىمېنېي ۋە فىلېتلارمۇ مانا شۇنداق گەپ-سۆزلەرنى قىلغۇچىلاردىندۇر.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچكىم: «مەن بۇ كىشى ياكى ئۇ كىشىنىڭ تەرەپدارى» دەپ ماختانمىسۇن. چۈنكى، مەيلى پاۋلۇس، ئاپوللوس ياكى پېترۇسلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، سىلەر ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان كىشىلەردۇر. ھەتتا بۇ دۇنيا، ھايات-ماماتلىق، ھازىر ياكى كەلگۈسى بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە مەنسۇپتۇر.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخور بولۇپ، ئۇلار خۇددى تونۇردىكى يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتقا ئوخشايدۇ. خېمىر يۇغۇرۇلۇپ، ئېچىپ تەييار بولغۇچە، ناۋاينىڭ تونۇرغا يەنە ئوت سېلىشى كېرەك بولمايدۇ.


كىمگە بويسۇنساڭلار، شۇنىڭ قۇلى بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟ گۇناھقا بوي ئەگسەڭلار، ئۇ سىلەرنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. خۇداغا بويسۇنساڭلار، ئۇ ھەققانىي ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite