كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 ئۇ ئادەمنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇرۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ يامان يولدىن يېنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىنىڭ كۈچىدىن قۇتۇلۇپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى قۇتقۇزۇلسۇن. Gade chapit la |
بىرى قېرىندىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا ئېيتىلغان. لېكىن، مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغۇدەك گۇناھمۇ بار. مەن سىلەرنى بۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار دېمەيمەن.