Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 مەن سىلەردىن يىراقتا بولساممۇ، قەلبىم سىلەر بىلەن بىللە. خۇددى مەن ئاراڭلاردا تۇرغاندەك، بۇ گۇناھنى سادىر قىلغۇچىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن كۆڭلۈمدە سوراققا تارتتىم.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:3
6 Referans Kwoze  

چۈنكى، مەن سىلەر بىلەن بىر يەردە بولمىساممۇ، قەلبىم دائىم سىلەر بىلەن بىللە. سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، خۇرسەن بولماقتىمەن.


قېرىنداشلار، بىز ئامالسىز ھالدا سىلەردىن ۋاقىتلىق ئايرىلدۇق. بىز سىلەر بىلەن بىللە بولمىساقمۇ، قەلبىمىز يەنىلا سىلەر بىلەن بىللە. بىز سىلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم دىدار كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشقا ئىنتايىن تىرىشتۇق!


يېنىڭلارغا ئىككىنچى قېتىم بارغىنىمدا، بۇرۇن گۇناھ سادىر قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرغانىدىم. ھازىر يېنىڭلاردا بولمىساممۇ، يەنە ئاگاھلاندۇرماقچىمەنكى، ئەمدى بارغىنىمدا، بارلىق گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغا كەڭچىلىك قىلمايمەن.


بۇ كىشىلەر شۇنى بىلسۇنكى، يىراقتىن سىلەرگە يازغان خەتلىرىمدە نېمە قىلىمەن دېگەن بولسام، يېنىڭلارغا بارغاندىمۇ شۇنى قىلىمەن.


سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا مۇئامىلىسى يۇمشاق، لېكىن بىللە بولمىغاندا سىلەرگە قارىتا قاتتىق قول دەپ قارالغان مەنكى پاۋلۇس ئەيسا مەسىھتەك مۇلايىملىق ۋە رەھىمدىللىك بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ تەلەپ قىلىمەنكى،


چۈنكى، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئەزاسى ئەمەسلەرنى سوراق قىلىشقا بىزنىڭ نېمە ھوقۇقىمىز بار؟ ئۇلارنى خۇدا ئۆزى سوراق قىلىدۇ. لېكىن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئەزالىرىنى سوراق قىلىشقا بىزنىڭ ھوقۇقىمىز بار. شۇڭا، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «يامانلىق قىلغۇچىنى ئاراڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىڭلار.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite