Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 شۈبھىسىزكى، مەن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئارىسىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن ئەخلاقسىزلار، ئاچكۆزلۈكلەر، ئالدامچىلار ياكى بۇتپەرەسلەر بىلەن ئالاقە قىلماڭلار، دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەگەر شۇنداق دېگەن بولسام، بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولاتتىڭلار.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:10
18 Referans Kwoze  

ئەگەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان بىر كىشى سىلەرنى زىياپەتكە چاقىرسا ۋە سىلەرمۇ بارماقچى بولساڭلار، ئالدىڭلارغا قويۇلغان ھەممە نەرسىنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغانمۇ-قىلىنمىغانمۇ، دەپ سۈرۈشتۈرمەي، پاك ۋىجدان بىلەن يەۋېرىڭلار.


چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە يەر يۈزىگە تاشلاندى.


بىزگە مەلۇمكى، بىز خۇداغا مەنسۇپمىز. ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا شەيتاننىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر.


ساختا پەيغەمبەرلەر بۇ دۇنياغا مەنسۇپ. شۇڭا، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلارمۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ.


مۇشۇنداق بولغاندا، ھېچكىم سىلەرنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ. سىلەرمۇ بۇ چىرىكلىشىپ، رەزىللىشىپ كەتكەن ئىنسانلار ئارىسىدا خۇدانىڭ قۇسۇرسىز، پاك پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر ھەمدە ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگىنىڭلاردا، بۇ زۇلمەتلىك دۇنيادا خۇددى چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاش چاقناپ تۇرىسىلەر. مانا شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پۈتۈن خىزمىتىم ۋە ئەجرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن پەخىرلىنەلەيمەن.


ئۇ چاغلاردا، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ يامان يوللىرىدا ماڭغانىدىڭلار، يامان روھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ھەمدە كىشىلەرنى خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرىدىغان شەيتانغا بويسۇنۇپ ياشىدىڭلار.


چۈنكى، بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى بولغان شەيتان خۇدانىڭ ئوبرازى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدىغان خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئېتىقادسىزلارنىڭ دىلىنى يورۇتمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويدى.


ئۇنداقتا، قېنى ئۇ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغانلار؟ قېنى ئۇ، ئۆزىنى ئەقىللىق سانايدىغان ئۆلىمالار؟ قېنى ئۇ، بۇ زاماندىكى پەيلاسوپلار؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - سىلەر بۇ يەرلىك بولۇپ، بۇ دۇنياغا تەۋە. مەن بولسام ئەرشتىن كەلگەن بولۇپ، بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىن كېلىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ.


بۇلارغا دۇئا قىلىمەن. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىگە ئەمەس، بەلكى سەن ماڭا بەرگەن ئادەملەرگە دۇئا قىلىمەن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭكىدۇر.


سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەنلەرگە سېنى ئايان قىلدىم. ئۇلار سېنىڭكى ئىدى. ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ، ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلدى.


سىلەرمۇ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىدىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئۆزىنىڭ دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق، مەن سىلەرنى بۇ پانىي دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەسسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.


پەرىسىي خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ مەغرۇرانە ھالدا: «ئى خۇدا! مېنىڭ باشقىلاردەك ئالدامچى، گۇناھكار، زىناخورلاردىن بولۇپ قالمىغىنىمغا، بولۇپمۇ بۇ باجگىرغا ئوخشىمىغىنىمغا شۈكۈر.


ئالدىنقى خېتىمدە سىلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن ئەخلاقسىز ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىق توغرىسىدا يازغانىدىم.


لېكىن، ھازىر مەن ئۆزىنى ئېتىقادچى دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە شەھۋانىي، ئاچكۆز، بۇتپەرەس، تۆھمەتخور، ھاراقكەش ياكى ئالدامچى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىقىڭلارنى، ھەتتا ئۇلار بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماسلىقىڭلارنى يازدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite