كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 4:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى19 لېكىن، خۇدا بۇيرۇسا، يېقىندا چوقۇم يېنىڭلارغا بارىمەن. ئۇ چاغدا، بۇ ھاكاۋۇرلارنىڭ نېمىنى سۆزلەيدىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ زادى بار ياكى يوقلۇقىنى كۆرۈپ باقىمەن. Gade chapit la |
ھەممىڭلارنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن، سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشۈڭلارنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەنگەن سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردىمى بولىدىغان بىرەرسى بولمىسا، ئۇ چاغدا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشتىن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتى كۆپ ئەۋزەل بولىدۇ.