كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 4:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك ۋە ئىشەنچلىك بولغان تىموتىينى مۇشۇنداق قىلىشىڭلارغا ياردەم بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ سىلەرگە مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يېڭى ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئەسلىتىدۇ. بۇ دەل مېنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتچىلىككە ئۆگەتكەنلىرىم بىلەن بىردەك. Gade chapit la |
لېكىن، سەن مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، ھاياتلىق نىشانىم، ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم ھەمدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكىم ۋە تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمگە دىققەت-ئېتىبارىڭنى قارىتىپ كەلدىڭ. بولۇپمۇ ئانتاكيا، كونيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەرگە قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىمدىن ھەمدە رەببىمىزنىڭ مېنى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزغانلىقىدىن تولۇق خەۋىرىڭ بار.