Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 4:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، كۆپچىلىك تەرىپىدىن نادانلار دەپ قارالدۇق، لېكىن سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى «ئەقىللىق» دەپ قاراۋاتىسىلەر. بىز ئاجىز دەپ قارالدۇق. لېكىن، سىلەر بولساڭلار ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادىمىز «كۈچلۈك» دەپ ھېسابلاۋاتىسىلەر. سىلەر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدۇڭلار، لېكىن بىز بولساق كەمسىتىلدۇق!

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 4:10
38 Referans Kwoze  

سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاجىزلىقىمدىن بۇ ۋەزىپىنى قانداق ئورۇنلارمەن دەپ قورقۇپ، ھەتتا تىترەپ كەتكەنىدىم.


پاۋلۇس ئۆزىنى مانا شۇنداق ئاقلىغاندا، ۋالىي فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا: - پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! يۇقىرى بىلىمىڭ ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! - دېدى.


«ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ تونۇلغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. بەزىلەر: - بۇ جاھانكەزدى پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ - دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئاڭلاپ: - ئۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ خۇدالىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتسا كېرەك! - دېيىشتى.


ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى، خۇدانىڭ ئۇلۇغ روھى سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىن ئورۇن ئالغان.


ئېتىقادىڭلار كۈچىيىپ، سىلەرنى ئەيىبلەشكە «ئاجىز» كۆرۈنسەم، خۇشال بولاتتىم. بىز شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەر ھەممە ئىشتا تولۇق يېتىلگەيسىلەر.


سىلەر ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن دانا چاغلاپ، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرەرسى خۇدانى تونۇمايدىغانلارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئۆزىنى دانا دەپ ھېسابلىسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ دانالىقىدىن ۋاز كەچسۇن. بۇنداق بولغاندا، ئۇ گەرچە خۇدانى تونۇمايدىغانلارنىڭ نەزىرىدە «نادان» دەپ قارالسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرىدە دانا ھېسابلىنىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تەلىمنى رەت قىلغان كىشى ئىنساننى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ.


مەن قاچان ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قىلمىدىم؟! شەيتاننىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ، ئېزىپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ئىچىم قاچان ئۆرتەلمىدى؟!


چۈنكى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى شۇنچە ئەقىللىق چاغلايسىلەريۇ، بۇ ساختا ئەلچىلەرنىڭ ئەخمىقانە تەلىملىرىگە يول قويۇۋېرىسىلەر!


دەرۋەقە بەزىلەر، «پاۋلۇسنىڭ خەتلىرى ھەم قاتتىق ھەم كۈچلۈك، بىراق ئۆزىنى كۆرسىڭىز ئىقتىدارسىز، سۆزلىرى تۇتۇرۇقسىز» دېيىشىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىنى ئېتىقادتا پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدىغانلار يىقىلىپ چۈشۈشتىن پەخەس بولسۇن.


سىلەر ھازىر بىز موھتاج بولغان ھەممە ئىلتىپاتلارغا ئىگە بولدۇق، ئېتىقاد جەھەتتىكى بارلىق قابىلىيەتلەرگە ئېرىشتۇق، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر-دە!؟ سىلەر ئۆزۈڭلارچە كۆرەڭلەپ، بىزنى كۆزگە ئىلماي، ئۆزۈڭلارلا پادىشاھتەك بولۇۋاپسىلەر-دە!؟ مەن ھەقىقەتەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھۆكۈم سۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، راستتىنلا شۇنداق بولغان بولساڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق!


مەن سىلەرگە بەرگەن تەلىم چوڭلارنىڭ ئوزۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ خۇددى بوۋاقلار ئىچىدىغان سۈتكە ئوخشايدۇ. بۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەب، سىلەر يىرىك يېمەكلىكنى يېيەلمەيتتىڭلار، ھازىرمۇ يېيەلمەيۋاتىسىلەر.


لېكىن، قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بولمىغان كىشىلەر خۇدانىڭ روھى ئاتا قىلغان بۇ ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشلار ئۇلارغا بىمەنە تۇيۇلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بۇ ئىشلارنى چۈشىنەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىشلارنى پەقەت خۇدانىڭ روھىنىڭ ياردىمى ئارقىلىقلا چۈشەنگىلى بولىدۇ.


پاۋلۇسنىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغان بەزى كىشىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى. يەنە بەزىلەر: - بۇ ئىشنى يەنە بىر ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىمىز، - دېدى.


مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ ئۈچۈن جەزمەن خىلمۇخىل ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىمەن، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا، ئۆزلىرىنى ئادالەتچى دەۋېلىپ، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىتىپ، يەنە بىر تەمسىل ئېيتتى:


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە: - كىمدەكىم سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارغا كىرسە، مېنىڭ سۆزۈمگە كىرگەن بولىدۇ. كىمدەكىم سىلەرنى رەت قىلسا، مېنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ. مېنى رەت قىلغانلار مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ، - دېدى.


ئىنسانئوغلىغا ئەگەشكەنلىكىڭلار ئۈچۈن بەزىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، يۈز ئۆرۈسە، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، سىلەرنى يامان دېسە، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!


ئۇ چاغدا، كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن پۈتكۈل مىللەتلەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.


مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!


جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى، جازالىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، بۇنى بىلىڭلار. سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئېغىر، قەلبىڭلار ئۆچمەنلىككە تولغاندۇر. سىلەر: «پەيغەمبەرلەر ھاماقەت، پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەن ئادەملەر ساراڭ» دەيسىلەر.


ئۇ كەمسىتىلدى، كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى، ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە جەبىر-جاپانى يەتكۈچە تارتتى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، نەپرەتلەندى، ئۇنى بىزمۇ ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنىدۇق.


ئەقىلسىز كەمسىتەر يېقىنىنى، سۈكۈت قىلار ئەقىل ئىگىسى.


يېھۇ سەركەردىلەرنىڭ قېشىغا قايتىپ چىققاندا، ئۇلاردىن بىرى ئۇنىڭدىن: _ ھەممە ئىش ياخشىدۇ؟ بۇ ساراڭ قېشىڭغا نېمىدەپ كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: _ سىلەر بۇنداق ئادەملەرنىڭ قانداق گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىسىلەرغۇ، _ دېدى.


چۈنكى، خۇدا ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن شۇنى بەلگىلىگەنكى، ئىنسانلار ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ھەرگىز خۇدانى تونۇيالمايدۇ. خۇدانىڭ ئىرادىسى بولسا «ئەخمىقانىلىك» دەپ قارالغان بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىقلا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنى قۇتقۇزۇشتۇر.


شۇنداقتىمۇ، بىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر يەنىلا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. يەھۇدىيلار ئۇنى ھاقارەت دەپ قارىسا، گرېكلار ئۇنى ئەخمىقانىلىك دەپ قارايدۇ.


چۈنكى، خۇدانىڭ بۇ دانالىقىنى ئىنسانلار نادانلىق دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بۇ «نادانلىق» ئۇلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈن، خۇدانىڭ بۇ كۈچ-قۇدرىتىنى ئىنسانلار ئاجىز دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بۇ «ئاجىزلىق» ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن كۈچلۈكتۇر.


ھۆرمەتكىمۇ سازاۋەر بولدۇق، ھاقارەتلەرگىمۇ ئۇچرىدۇق. ئەيىبكىمۇ بۇيرۇلدۇق، ماختاشقىمۇ مۇيەسسەر بولدۇق. كىشىلەر بىزنى ئالدامچىمۇ دېدى، بىراق بىز دۇرۇس كىشىلەرمىز.


دېمەك، بىز ھەمىشە ئۆلۈمگە دۇچار بولۇۋاتىمىز؛ سىلەر بولساڭلار بۇنىڭ بىلەن ھاياتلىققا ئېرىشىۋاتىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite